ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تېرستېگېن: بۇ يىل يازدا بارسېلونادىن ئايرىلىشىم مۇمكىن ئەمەس

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-03 09:53

بارسېلونا ھازىرغىچە گېرمانىيەلىك قاپقىچى تېرستېگېن بىلەن توختام ئۇزارتالمىدى، ئەمما تېرستېگېن بۇ يىل يازدا بارسېلونادىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

تېرستېگېن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «يازدا بارسېلونادىن ئايرىلىشىم مۇمكىن ئەمەس» دېگەن بولۇپ، ئۇ يەنە توختام ئۇزارتىش توغرىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ۋاستىچىم بىلەن كۇلۇب ئوتتۇرىسىدا دەسلەپكى سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى، ئارقىدىن يۇقۇم پەيدا بولدى، شۇڭا توختامنىڭ ئىشلىرى توختاپ قالدى، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، شۇڭا بۇ ئىشنى ئارقىغا سۈرۈشنى قارار قىلدۇق».

ئۇ يەنە: «مەن بارسېلونادا ئىنتايىن ياخشى كېتىۋاتىمەن، ئائىلەمدىكىلەرمۇ ھەم شۇنداق» دېگەن.

تېرستېگېن 2014-يىلى يازدا 12 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن بارسېلوناغا قوشۇلغان، ئۇنىڭ بارسېلونا بىلەن ئىمزالىغان توختامى 2022-يىلى ئاخىرلىشىدۇ، ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونا ئۈچۈن 34 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى، بارسېلونانىڭ مۇتلەق ئاساسلىق قاپقىچىسى ھېسابلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有