ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

FIFA ئورگان تورى كرىستىيانو رونالدونى قاتتىق ماختىماقچى بولغاندا خاتالىشىپ قالدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-29 10:10

يۇۋېنتۇس 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورى ئالاقە تورىدا كرىستىيانو رونالدونى ئىنتايىن ماختىغان ئەمما ئىشلەتكەن سۆز-ئىبارىلىرى توغرا بولماي قالغان، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورى رونالدودىن باشقا ھېچكىممۇ كەسپىي ھاياتىدا ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باقمىغان دەپ داۋراڭ سالغان، ئەمما دەل ئەشۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن، رونالدونىڭ يۇۋېنتۇستىكى سەپدىشى دانېلو بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورى يازمىسىدىكى شۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى يۇيۇۋەتكەن.

 


يۇۋېنتۇس بىلەن بۇ مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، رونالدو كەسپىي ھاياتىدىكى يەتتىنچى قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ نۆۋەت ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، ئىككى نۆۋەت ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى ۋە ئىككى نۆۋەت ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى بار ئىكەن.


شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورى ئالاقە تورىدا 35 ياشقا كىرگەن كرىستىيانو رونالدونى تازا ماختىغان بولۇپ، مۇنداق دەپ يازغان:

«ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 10 مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ كىرگۈزدى، كرىستىيانو رونالدومۇ ئېنگلاند، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ بىرلەشمىدە ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن تۇنجى توپچىغا ئايلاندى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق بىر توپچى بۇ ئۈچ چوڭ بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باقمىغان.»


دەل ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزنىڭ يازمىدا خاتالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، گەرچە ئەمىلىيەتتىمۇ ھېچقانداق بىر توپچى كەسپىي ھاياتىدا ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى، ئىتالىيە بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىلىرىدە، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق چېمپىيون بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا ئۇنىڭدىن باشقا توپچىلارنىڭ ھېچقايىسىسى بۇ ئۈچ چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرمىگەن دەپ يازغان بىر جۈملە سۆزى خاتا بولغان، چۈنكى رونالدونىڭ يۇۋېنتۇستىكى سەپدىشى دانېلو بۇ ئۈچ بىرلەشمىلا ئەمەس بەلكى تۆت بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، پورتۇ كوماندىسى بىلەن ئىككى نۆۋەت پورتۇگالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خانلىق مادرىدقا يۆتكىلىپ، 2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، بۇ مۇسابىقە پەسلى يۇۋېنتۇسقا قوشۇلۇشتىن بۇرۇن، 29 ياشلىق بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بۇ بېكى يەنە مانچېستېر شەھىرى بىلەن بىرلىكتە 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ۋە 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.


دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دانېلو خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىنىڭ يازمىسىغا ئۆزىنىڭ خىيال سۈرۈپ قالغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتىپ ئىنكاس قايتۇرغان، تەرىپلەشتە خاتالاشقانلىقىنى ھىس قىلغان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئورگان تورى دەرھال خاتا مەزمۇنلارنى ئۆچۈرىۋەتكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

FIFA ئورگان تورى كرىستىيانو رونالدونى قاتتىق ماختىماقچى بولغاندا خاتالىشىپ قالدى