ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رونالدو: كوماندا بىلەن چېمپىيون بولۇپ يېڭى رېكورت يارىتالىغانلىقىمىزدىن خوشالمەن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-29 11:04

ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە سامپدورىيا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇددەتتىن ئىككى ئايلانما بۇرۇن، بۇ مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، ھەم شۇنداقلا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئۇدا توققۇز نۆۋەت چېمپىيون بولۇشتەك قالتىس نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈردى، مۇسابىقىدىن كېيىن، كوماندا ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى كۆپچىلىك بىرلىكتە چۈشكەن سۈرەتنى يوللاش بىلەن بىرگە يازما يېزىپ، كوماندىنىڭ چېمپىيون بولغانلىقىنى قۇتلۇقلىدى.



رونالدو يوللىغان سۈرەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇۋېنتۇس كوماندا ئەزالىرى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە، چېمپىيونلۇق ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان مايكىنى كىيىپ، مۇشتۇمىنى پۇلاڭلاتقان ھالەتتە چېمپىيون بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن، رونالدو رەسىم بىلەن بىرگە مۇنداق دەپ يازغان:

«بىز قىلالىدۇق! بىز ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولدۇق! كوماندا بىلەن بىرلىكتە ئۇدا ئىككى مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇنداق قالتىس ھەم شانلىق كۇلۇب بىلەن بىرگە داۋاملىق يېڭى تارىخ يارىتالىغانلىقىمدىنمۇ چەكسىز خوشاللىق ھىس قىلىمەن.»


«بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇق ئوخشاشلا بارلىق يۇۋېنتۇس مەستانىلىرىگە مەنسۈپ، بولۇپمۇ ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەم شۇنداقلا ئۇچراۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە مەنسۈپ، بۇ قېتىمقى ئاپەت ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى، پۈتكۈل دۇنياغا يامرىدى.»

«چېمپىيون بولۇش ھەرگىزمۇ ئاددى بىر ئىش ئەمەس، مەستانىلەرنىڭ قەيسەرلىكى، پوزىتسىيىسى ۋە شۇنداقلا ئىرادىسى، بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان چېمپىيونلۇق تالىشىش رىقابىتىدىكى ئىھتىياجلىق كۈچ مەنبەيىمىزگە ئايلاندى، بۇ كۈچ-قۇۋۋەت بىزنى چېمپىيونلۇق ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، مەن ھەممىڭلارنى قۇچاقلىشىم كېرەك!»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رونالدو: كوماندا بىلەن چېمپىيون بولۇپ يېڭى رېكورت يارىتالىغانلىقىمىزدىن خوشالمەن

ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە سامپدورىيا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇددەتتىن ئىككى ئايلانما بۇرۇن، بۇ مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى