ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېسسى كوماندىدىن ئايرىلسا، بارسېلونا شەھرى ئىككى يېرىم مىلياردتىن ئۈچ مىلياردقىچە زىيان تارتىدىكەن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-02 09:27

مەستانىلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىۋاتقاندا، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق پۇتبول مۇخبىرى بىن يەننىڭ بىلدۈرىشىچە، بارسېلونادىكى بىر نوپۇزلۇق شىركەتنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە ئەگەر مېسسى بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلسا، ئۇنداقتا بارسېلونا شەھىرى تەخمىنەن ئىككى مىليارد 500 مىليون ياۋرودىن ئۈچ مىليارد ياۋروغىچە زىيان تارتىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يۇۋېنتۇس كۇلۇبىمۇ مېسسىنىڭ يۆتكىلىش ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ باققان.

مېسسى بارسېلونانى ئەمدى سۆيمەمدۇ؟

«داڭلىق فاكس يوللىنىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن مېسسى ئۆزىنىڭ بىر سىرداش دوستىغا ئۆزىنىڭ بارسېلونادىن باشقا ھېچقانداق كۇلۇبتا توپ تەپمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھازىرغا قەدەر مېسسىنىڭ ئالاقە دىتالىدا يەنىلا ئۇنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن كوماندا تۇغى ئالدىدا چۈشكەن سۈرىتى بار.»



بارسېلونا نېمىشقا ئۇنى مەجبۇرىي تۇتۇپ قالماقچى بولىدۇ؟

«بۇ ئاللىقاچان ھەرگىزمۇ بارسېلونا كۇلۇبىنىڭلا چوڭ ئىشى ئەمەس، بارسېلونادىكى بىر نوپۇزلۇق شىركەتنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە ئەگەر مېسسى بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلسا، ئۇنداقتا بارسېلونا شەھىرى تەخمىنەن ئىككى مىليارد 500 مىليون ياۋرودىن ئۈچ مىليارد ياۋروغىچە زىيان تارتىدىكەن، بارسېلونانىڭ رەت تەرتىپتىكى 25-ئورۇندىن ياۋروپادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۈچىنچى ساياھەت شەھىرىگە ئايلىنىشىدا بۇنىڭدا نوكەمپونىڭ بەلگىلىك تۆھپىسى بار، نوكەمپودا پولاتتەك بىر سانلىق مەلۇمات بار، نېيمار بارسېلوناغا قوشۇلغان شۇ يىلى، 10-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنىڭ سېتىلىش مىقدارى پۈتۈن كوماندىنىڭ %81نى ئىگىلىگەندىن باشقا مۇسابىقە پەسلى، بارسېلونانىڭ مۇسابىقە كىيىمىنىڭ سېتىلىشىدا، 10-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمى %93 نى ئىگىلىگەن.»

باشقا كوماندىلارنىڭ مېسسىغا بولغان قىزىقىشى؟

«پارىژ سانت گېرماننىڭ بۇ سودىغا تۇتقان سەمىمىيىتى مانچېستېر شەھىرىگە سېلىشتۇرغاندا چوڭ، ئەمما مېسسى بىر قەدەر جاھىل، ئۇ پەقەت مانچېستېر شەھىرىنىلا تونۇيدۇ، يۇۋېنتۇس بىلەن خەلقئارا مىلانغا كەلسەك، يۇۋېنتۇس سۈرۈشتە قىلىپ باققان، خەلقئارا مىلان ھېچقانداق ھەركەت قوللانمىدى.»



مېسسى نېمىشقا تۇيۇق يولدا ماڭىدۇ؟

«مېسسى ھېلىقى داڭلىق فاكىسنى يوللىغان چاغدا، ئۇنىڭ ئايالى، دادىسى، ئاكىسى ۋە ئۇنىڭ دائىملىق ۋاستىچى گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە ئوخشاش بۇ خەۋەرنى رادىئودىن ئۇققان، مېسسىنىڭ ئايالى قاتتىق ئازابلانغان، چۈنكى ھېچكىم مېسسىنىڭ بارسېلونادىن كېتىدۇ ئويلاپ باقمىغان ھەم ھېچكىم ئۇنىڭ ئايرىلىشىنى خالىمايدۇ، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى شۇكى، گۇاردىئولا مېسسىنى كۆندۈرمىگەن بولۇپ، بەلكى مېسسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلفۇن بېرىپ، بۇرۇنقى قالتىس ترېنېرىدىن ئۆزىنى كوماندىسىغا ئېلىپ كېتىشنى ئۆتۈنگەن، بۇ ئېنىقلا مېسسىنىڭ ئۆز خاراكتېرىنى يوقىتىپ قويدى، شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى فاكىس يوللاۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا مېسسى بەلكىم ئىنتايىن ئازابلانغان بولۇشى مۇمكىن»

فاكس يوللاشتىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم كۇلۇب بىلەن سۆزلىشىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشى راستمۇ؟

«ئىككى قېتىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مېسسى كوماندىدىن ئايرىلسا، بارسېلونا شەھرى ئىككى يېرىم مىلياردتىن ئۈچ مىلياردقىچە زىيان تارتىدىكەن

بارسېلونادىكى بىر نوپۇزلۇق شىركەتنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە ئەگەر مېسسى بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلسا، ئۇنداقتا بارسېلونا شەھىرى تەخمىنەن ئىككى مىليارد 500 مىليون ياۋرودىن ئۈچ مىليارد ياۋروغىچە زىيان تارتىدىكەن،