ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئورگان تورى: نېيمار قاتارلىق ئۈچ نەپەر پارىژ سانت گېرمان توپچىسى يۇقۇملاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-03 08:38

پارىژ سانت گېرمان ئورگان تورى: بىرىنچى سەپتىكى ئۈچ توپچىنىڭ ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى، بارلىق توپچىلار ۋە خىزمەتچىلەر كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ۋىرۇس تەكشۈرتىدۇ.

«كوماندا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارىژ سانت گېرماندىكى يۇقۇملانغان ئۈچ توپچى دىمارىيا، پارېدېس ۋە نېيمار بولۇپ، پارىژ سانت گېرمان ئورگان تورىدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان، ئەمما «كوماندا گېزىتى» يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نېيمار، دىمارىيا ۋە پارېدېس ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۈچ توپچى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىسپانىيەنىڭ ئىبىزا ئارىلىدا ئارام ئالغان بولۇپ، پارىژغا قايتقاندىن كېيىنكى ۋىرۇس تەكشۈرۈشتە يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماركىنىئوسمۇ ئىبىزا ئارىلىدا ئارام ئالغان، شۇڭا ئۇمۇ تەكشۈرۈلىدىكەن، نېيمار قاتارلىق يۇقۇملانغان توپچىلار بىر ھەپتە ئايرىلىپ تۇرىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有