ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىتالىيە بىرلەشمىسى تۇنجى ئايلانما (تولۇقلىما): بېنېۋېنتو VS خەلقئارا مىلان مۇسابىقىسىگە ئالدىن نەزەر

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-30 09:15

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 1:00دە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان تولۇقلىما مۇسابىقە كىرو ۋىگورىتو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، خەلقئارا مىلان كوماندىسى مېھمان مەيداندا بۇ يىل يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان بېنېۋېنتو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئۈچ قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا خەلقئارا مىلان ئۈچ مەيدان تولۇق غەلبە قىلغان، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئوينىغان بىر مەيدان مۇسابىقىسى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئىتالىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا 2:6 نەتىجىدە بېنېۋېنتونى مەغلۇپ قىلغان، خەلقئارا مىلان ياۋروپا بىرلەشمىلىرىگە قاتناشقانلىقى تۈپەيلى، ئەسلى بىرلەشمىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا ئوينىلىدىغان بۇ مەيدان مۇسابىقە بۈگۈنگە كېچىكتۈرۈلگەن، ئىتالىيە بىرلەشمىسى تارىخىدا ئۇدا 14 مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك رېكورت ياراتقان بېنېۋېنتو بۈگۈنكى كۈندە قايتىدىن ئىتالىيە بىرلەشمىسى قوينىغا قايتىپ كەلدى، ئۇنداقتا ئۇلار بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قانداق ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 1:00

مۇسابىقە ئورنى: كىرو ۋىگورىتو توپ مەيدانى



كۆرۈش نۇقتىسى 1: بېنېۋېنتونىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا نەزەر

بېنېۋېنتو ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى، گەرچە يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوماندا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى، تۇنجى ئايلانمىدىكى سامپدورىيا كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە، ئىككى توپ كەينىدە قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا 2:3 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمىنى غەلبە بىلەن كۈتۈۋالدى، ئەمما ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمايلا، بۇ ئايلانمىدا كۈچلۈك رەقىبى خەلقئارا مىلانغا دۇچ كەلدى، ئاددىيسى كوماندا سەپ شەكلىدىلا زور پەرق مەۋجۈت، ئۇنىڭدىن باشقا 2019-يىلى ئىتالىيە لوڭقىسىدا، خەلقئارا مىلان چوڭ نومۇر پەرقىدە بېنېۋېنتونى مەغلۇپ قىلغان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چوڭ ئىنزاگى يېتەكچىلىكىدىكى بېنېۋېنتونىڭ قانداق ئۇسۇلدا خەلقئارا مىلانغا تاقابىل تۇرۇشى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.



كۆرۈش نۇقتىسى 2: خەلقئارا مىلاننىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا نەزەر

ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا مىلان، مەيلى ئەمەلىي كۈچ ياكى تەجرىبە جەھەتتە بولسۇن رەقىبىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى يۇۋېنتۇسنىڭ چېمپىيونلۇق ئورنىغا بىر مەزگىل تەھدىت سالغان خەلقئارا مىلان بىر نومۇر پەرق بىلەن بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىدىمۇ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم باسقان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا سېۋىللاغا ئۇتتۇرۇپ چېمپىيونلۇقتىن قۇرۇق قالدى، كۇلۇب رەئىسى جاڭ كاڭياڭمۇ كوماندا كەلگۈسىنىڭ ئىنتايىن پارلاق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىمۇ ئۇلار ۋىدال ۋە ئاچرافقا ئوخشاش بىر تۈركۈم يېڭى ماھىرلارنى كوماندىغا قوشۇۋالدى.


بىرلەشمىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە تاقابىل تۇرۇش تەس رەقىب فىئورېنتىناغا دۇچ كەلگەن خەلقئارا مىلان، لۇكاكۇ بىلەن دامبروسىئونىڭ توپ كىرگۈزۈشىگە تايىنىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما بېنېۋېنتو كوماندىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خەلقئارا مىلانغا ئوخشاش كۈچلۈك رەقىب بىلەن تىركەشكۈدەك ئەمەلىي كۈچى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېھمان مەيداندىكى نەتىجىسى ياخشى خەلقئارا مىلان، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى مېھمان مەيداندا ئەڭ كۆپ نومۇرغا ئېرىشكەن كوماندا، شۇ سەۋەپتىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ خەلقئارا مىلان ئېنىقلا پۈتۈن كۈچى بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىتالىيە بىرلەشمىسى تۇنجى ئايلانما (تولۇقلىما): بېنېۋېنتو VS خەلقئارا مىلان مۇسابىقىسىگە ئالدىن نەزەر

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 1:00دە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان تولۇقلىما مۇسابىقە كىرو ۋىگورىتو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ،