ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە «دەرىجىن تاشقىرى ھالاكەت گۇرۇپپىسى» شەكىللىنىشى مۇمكىن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-30 09:18

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:00تە، يېڭى پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە چەك تارتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. ھازىرچە ئىككى ئۇرۇقتىكى 16 كوماندا ئېنىق بولۇپ بولغان، «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ھالاكەت گۇرۇپپىسىنىڭ شەكللىنىش ئىھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.

1-ئۇرۇق كوماندىلار: بايرېن مىيۇنخېن، سېۋىللا، خانلىق مادرىد، لىۋېرپول، يۇۋېنتۇس، پارىژ سانت گېرمان، زېنت، پورتو (ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ئىتتىپاق لوڭقسى چېمىيونى، شۇنداقلا ھەرقايسى بىرلەشمە چېمپىيونلىرى).

2-ئۇرۇق كوماندىلار: بارسېلونا، مادرىد ئاتلېتكا، مانچېستېر بىرلەشمىسى، مانچېستېر شەھىرى، دونستېك كان ئىشچىلار، دورتمۇند، چېلسى.

3-ئۇرۇق كوماندىلار: لېيپزىگ قىزىل كالا، خەلقئارا مىلان، ئاتلانتا، لازىئو قاتارلىقلار ئېنىق بولۇپ بولدى.

4-ئۇرۇق كوماندىلار: ئىستامبۇل تەنتەربىيەسى، رېننېس، مونشېدگىلادباخ قاتارلىقلار ئېنىق بولۇپ بولدى.

ھازىرقى كوماندىلارنىڭ ئۇرۇقلارغا بۆلۈنۈشىدىن قارىغاندا، يېڭى پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە «دەرىجىن تاشقىرى ھالاكەت گۇرۇپپىسى» شەكىللىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن: يۇۋېنتۇس بىلەن بارسېلونا بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنسە، مەستانىلەر رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ رىقابىتىنى يەنە كۆرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خانلىق مادرىد VS مانچېستېر شەھىرى ياكى مانچېستېر بىرلەشمىسى، لىۋېرپول VS بارسېلونا ياكى بارسېلونا VS بايرېن مىيۇنخېن قاتارلىق گۇرۇپپىلار، ئەگەر بارسېلونا بايرېن مىيۇنخېن بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنسە يەنە قانداق نەتىجىلەر يۈز بېرەر؟

中央广播电视总台 央广网 版权所有