ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

زىدانى ترېنېر بولغاندىن كېيىن خانلىق مادرىد نوكەمپو مەيدانىدا مەغلۇپ بولمىغان

مەنبەسى:نۇرتورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-22 10:21

بېيجىڭ ۋاقتى 24-ئۆكتەبىر 22:00دىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسى ئوينىلىدۇ، بۇ قېتىم خانلىق مادرىد نوكەمپو مەيدانىدا بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، لېكىن زىدانى يېتەكلىگەن خانلىق مادرىد ئەزەلدىن نوكەمپو مەيدانىدا مەغلۇپ بولمىغان.

زىدانى 2016-يىلى خانلىق مادرىدقا ترېنېر بولغاندىن كېيىن، نوكەمپو مەيدانىدىكى مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان، شۇنداقلا ئىككى مەيدان غەلبە قىلىپ ئۈچ مەيدان تەڭلەشكەن. بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد 2015-2016 مۇسابىقە پەسلى 2-1 نەتىجىدە شەلبە قىلغان، 2016-2017 مۇسابىقە پەسلى 1-1 نەتىجىدە تەڭلەشكەن، 2017-2018 مۇسابىقە پەسلى 2-2 نەتىجىدە تەڭلەشكەن، ئالدىنقى پەسىل بولسا 0-0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالغان. يەنە بىر قېتىمدا بولسا، نوكەمپو مەيدانىدىكى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا 3-1 نەتىجىدە غەلبە قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

بارسېلونا 2018-2019 پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە نوكەمپو مەيدانىدا 5-1 نەتىجىدە غەلبە قىلغان، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى خانلىق مادرىد ترېنېرى لوپېتىگۇ ئىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有