ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمە قىلسا خاتاما؟ رونالدو يەنە ھاكاۋۇر دېگەن گەپكە قالدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-17 17:14

يېقىندا مۇنداق بىر مەسىلە تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، يۇۋېنتۇسنىڭ سابىق توپچىسى برۇنو كرىستىيانو رونالدونىڭ ھازىرغىچە ئىتالىيەچە ئۆگەنمىگەنلىكىنى ئىتالىيە بىرلەشمىسى ۋە سەپداشلىرىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرى كۆپلىگەن مەستانىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ھەمدە نارازى قىلغان.

برۇنو 1987-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە يۇۋېنتۇستا توپ تەپكەن بېك، ئۇ كرىستىيانو رونالدونىڭ يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئىسپانچە ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەپداشلىرىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن: «ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر، ئىتالىيەگە كەلگىنىگە ئىككى يىل بولۇپمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگەنمىدى، ئىسپانچىدە سۆزلىشىۋاتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى، ئىتالىيەلىكلەرنى ھۆمەتلىمىگەنلىكى.»



لېكىن، كرىستىيانو رونالدونىڭ سەپداشلىرى كرىستىيانو رونالدونىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇ ئۆيىدە ئىنتايىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، كۇادرادو مۇنداق دېگەن: «كرىستىيانو رونالدو ئىنتايىن خۇشال، بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ كوماندىغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز، ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، بۇنىڭ بىزگىمۇ ياردىمى بار، بىزگە كەسپىي روھ ۋە غەلىبىگە بولغان ئىنتىلىش ئاتا قىلىدۇ.»


موراتا مۇنداق دېگەن: «كرىستىيانو رونالدونىڭ كىملىكىنى، ئۇنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى دېمىسەممۇ بولىدۇ. ئۇ كوللېكتىپنىڭ ئەزاسى، ھەمىشە سەپداشلىرىغا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ، ئۇ ئۆزىنى ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرغان. ئۇ بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم توپچىمىز، ئۇنىڭ ئىزچىل بىزنى باشلاپ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمە قىلسا خاتاما؟ رونالدو يەنە ھاكاۋۇر دېگەن گەپكە قالدى

يېقىندا مۇنداق بىر مەسىلە تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، يۇۋېنتۇسنىڭ سابىق توپچىسى برۇنو كرىستىيانو رونالدونىڭ ھازىرغىچە ئىتالىيەچە ئۆگەنمىگەنلىكىنى ئىتالىيە بىرلەشمىسى ۋە سەپداشلىرىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىغان بولۇپ،