ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو سىنوك شاھى دىڭ جۈنخۇي يىلىغا نەچچە پۇل تاپالايدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-07 17:52

جۇڭگودا سىنوك تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر تۇنجى بولۇپ دىڭ جۈنخۇينى ئەسلەيدۇ. دىڭ جۈنخۇي ئېلىمىزنىڭ داڭلىق بىليارت ماھىرى، كىچىكىدىنلا نام چىقارغان، ھازىر دۇنيا دەرىجىلىك بىليارت ئۇستىسىغا ئايلاندى. دىڭ جۈنخۇي مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، بىليارت كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن پەقەتلا بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش شەكلى ئىدى. جۇڭگودىكى بىرىنچى سىنوكچى-دىڭ جۈنخۇي ھەر يىلى قانچە پۇل تاپىدۇ؟ خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا قانچە پۇل بولىدۇ؟

دىڭ جۈنخۇي جياڭسۇلۇق، ئۇ بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، دادىسى بىليارتقا بەك ئامراق بولغاچقا، دائىم ئوغلى دىڭ جۈنخۇي بىلەن بىللە ئوينايتى. بەلكىم ئۇنىڭدا دادىسىنىڭ ئىرسىيەت گېنى بولۇشى مۇمكىن، دىڭ جۈنخۇينىڭ بىليارت ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئىلگىرلىشى تېز بولغاچقا، ئاستا-ئاستا شۇ جايدا خېلى نام چىقاردى. شۇ جايدىكى داڭلىق بىليارت ماھىرلىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان دىڭ جۈنخۇي ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىڭ جۈنخۇي بىليارتنى داۋاملىق مەشىق قىلىپ، بىر بىليارت كەسپىي ماھىرىغا ئايلىنىشى كېرەك دەپ قارىدى. ئۇنىڭ دادىسىمۇ يۇرتىدىكى ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، دىڭ جۈنخۇينى گۇاڭدۇڭغا بىليارت ئۆگىنىشكە ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.

دىڭ جۈنخۇي مەشق قىلىشقا خېلى كۆپ پۇل خەجلىدى، ئۇنداقتا ھازىر ئۇ ھەر يىلى قانچىلىك كىرىم قىلالايدۇ؟ ئالاقىدار ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دىڭ جۈنخۇي ھەر يىلى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 5 مىليون يۈەن ئەتراپىدا مۇكاپات ئالىدىكەن، ئۇنىڭ نامى چىققاچقا، نۇرغۇن مەھسۇلاتلارغا ۋاكالەتچى بولغان، يىلدا تەخمىنەن 10 مىليون يۈەن ۋاكالەت ھەققى ئ‍الىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا دۆلەت ئىچىدىكى ئۇنۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىغا دائىم تەنتەربىيە چولپانلىرى تەكلىپ قىلىنىپ تۇردى، دىڭ جۈنخۇي ئۇنۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىدىن 5 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى. دىڭ جۈنخۇينىڭ بىر يىللىق كىرىمى تەخمىنەن 20 مىليون يۈەن ئەتراپىدا. بىر يىلدا 20 مىليوننى ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۈگۈنكى دىڭ جۈنخۇيغا ھەۋەس قىلىدۇ. بىراق باشقا نۇقتىدىن قارىغاندا دىڭ جۈنخۇي بىليارت مەشىق قىلىشقا نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلغان، بۇ بىر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىككە ئىگە بولغان مەبلەغ سېلىش بولۇپ، ئەگەر دىڭ جۈنخۇي نەتىجە قازىنالمىسا، بۇ پۇل ۋە ۋاقىت، زېھنىي كۈچى بىكارغا كەتكەن بولاتتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو سىنوك شاھى دىڭ جۈنخۇي يىلىغا نەچچە پۇل تاپالايدۇ؟

جۇڭگودا سىنوك تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر تۇنجى بولۇپ دىڭ جۈنخۇينى ئەسلەيدۇ. دىڭ جۈنخۇي ئېلىمىزنىڭ داڭلىق بىليارت ماھىرى، كىچىكىدىنلا نام چىقارغان، ھازىر دۇنيا دەرىجىلىك بىليارت ئۇستىسىغا ئايلاندى.