مانچېستېر شەھىرىنىڭ بۇ يىل يازدا مېسسىنى قوشۇۋېلىشقا ئىشەنچىسى بار
ئىسپانىيە «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ ئەنگلىيە «تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، مانچېستېر شەھىرى مېسسىنىڭ ئەھۋالىغا داۋاملىق دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ بۇ يىل يازدا مېسسىنى قوشۇۋېلىشقا ئىشەنچىسى بار ئىكەن.
مېسسى بىلەن بارسېلونانىڭ توختامى بۇ يىل يازدا ئاخىرلىشىدۇ، ئۇ يېقىندا ئىسپانىيە تېلېۋىزىيە 6-قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ تېخى كەلگۈسىنى قارار قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
«تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە مېسسى داۋاملىق بارسېلونادا قېلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن مانچېستېر شەھىرى باشقۇرۇش قاتلىمى بۇ يىل يازدا مېسسىنى قوشۇۋالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
مانچېستېر شەھىرى مېسسىغا كېيىن ئامېرىكا بىرلەشمىسىگە بېرىپ توپ تېپىش پىلانى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئۇلار نيۇيورك شەھىرى كۇلۇبى بىلەن بىر باشقۇرۇش گۇرۇھىغا تەۋە.
مانچېستېر شەھىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئوخشاشلا مېسسىنى قوشۇۋېلىشنى ئويلايدىغان پارىژ سانت گېرماننىڭ بۇ جەھەتتە ئەۋزەللىكى يوق، لېكىن ئۇلاردا مباپپې ۋە نېيمار بار، ئۇلارنىڭ مېسسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى.