ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كرىستىيانو رونالدو ئۆتكەن 15 پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 15دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 10:04

بېيجىڭ ۋاقتى 11-يانۋار سەھەر سائەت 3:45تە ئۆتكۈزۈلگەن 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا ساسۇلونى كۈتۈۋالدى. ئاخىرىدا، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن ساسۇلونى مەغلۇپ قىلدى، شۇنداقلا بىرلەشمىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، كرىستىيانو رونالدو بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى، بۇ توپ كرىستىيانو رونالدونىڭ بۇ پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن كىرگۈزگەن 15-توپى ھېسابلىنىدۇ.

مۇسابىقىدىن كېيىنكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدو پۇتبول دۇنياسىدىكى ئۆتكەن 15 يىلدىكى ھەر بىر مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپانىڭ بەش چوڭ بىرلەشمىسىدە ئاز دېگەندە 15دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن بىردىنبىر توپچىغا ئايلانغان.

كرىستىيانو رونالدونىڭ يېقىنقى 15 پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

2006/2007-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 17 توپ (مانچېستېر بىرلەشمىسى)

2007/2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 31 توپ (مانچېستېر بىرلەشمىسى)

2008/2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 17 توپ (مانچېستېر بىرلەشمىسى)

2009/2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 26 توپ (خانلىق مادرىد)

2010/2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 40 توپ (خانلىق مادرىد)

2011/2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 46 توپ (خانلىق مادرىد)

2012/2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 34 توپ (خانلىق مادرىد)

2013/2014-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 31 توپ (خانلىق مادرىد)

2014/2015-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 48 توپ (خانلىق مادرىد)

2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 35 توپ (خانلىق مادرىد)

2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 25 توپ (خانلىق مادرىد)

2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 26 توپ (خانلىق مادرىد)

2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 21 توپ (يۇۋېنتۇس)

2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 31 توپ (يۇۋېنتۇس)

2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، 15 توپ (يۇۋېنتۇس)

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كرىستىيانو رونالدو ئۆتكەن 15 پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 15دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزدى

بېيجىڭ ۋاقتى 11-يانۋار سەھەر سائەت 3:45تە ئۆتكۈزۈلگەن 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا ساسۇلونى كۈتۈۋالدى.