ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا راموسنى قوشىۋېلىش تەكلىپىنى بەردى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 15:28

«كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا راموسنى قوشىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن.

راموسنىڭ خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامى 2021-يىلى 6-ئايدا توشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ تېخى توختام ئۇزارتمىغان، مائاش جەھەتتە يەنىلا بىرلىككە كېلەلمىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يۇۋېنتۇس راموسقا قىزىقىدىغان كوماندا ئىكەن. غەرب تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇۋېنتۇس مۇداپىئەنى كۈچەيتمەكچى بولغان، كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا راموسنى قوشىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن، بۇنداق بولغاندا ئىلگىرىكى سامان يولى جەڭ كېمىسىدىكى سەپداشللارنىڭ يەنە بىر قېتىم قايتا ئۇچرىشىشىدىن ئۈمىد بار.

بۇنىڭدىن باشقا خەۋەردە، سودىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىدىكى مەسىلە يۇۋېنتۇسنىڭ راموسقا يۇقىرى سوممىلىق مائاش بېرىشنى خالاش-خالىماسلىقىدا دەپ كۆرسىتىلگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا راموسنى قوشىۋېلىش تەكلىپىنى بەردى

«كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا راموسنى قوشىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن.