ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۈزەل ئەسلىمە! بارسېلونا ئورگان تورى: بۇ سۈرەت ھازىرمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 15:32

بارسېلونا ئورگان تورى ئالتە يىل بۇرۇنقى بۈگۈننى ئەسلەپ، MSN ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ ئالتە يىل بۇرۇنقى ئوپچە سۈرىتىنى چىقارغان.

2014/2015-مۇسابىقە پەسلىدە، مېسسى، نېيمار ۋە سۇئارېز بار بولغان بارسېلونا ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئاخىرىدا ئۇلار ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونى، شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، بۇ ئۈچ نەپەر جەنۇبىي ئامېرىكا گىگانت چولپىنى زور تۆھپە قوشۇپ، تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە بىرلىكتە 122 توپ كىرگۈزۈپ، ئىسپانىيە پۇتبول تارىخىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئۈچ قىرلىق ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بولۇپ قالدى.

بۈگۈن، بارسېلونا ئورگان تورى ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ: «بۇ سۈرەت ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇنى ئالتە يىل بۇرۇنقى بۈگۈن كۈندە تارتقان» دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۈزەل ئەسلىمە! بارسېلونا ئورگان تورى: بۇ سۈرەت ھازىرمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟

بارسېلونا ئورگان تورى ئالتە يىل بۇرۇنقى بۈگۈننى ئەسلەپ، MSN ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ ئالتە يىل بۇرۇنقى ئوپچە سۈرىتىنى چىقارغان.