ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى يۆتكىلىش بازىرىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان كوماندىلار رەت تەرتىپى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:50

ئامېرىكا تاراتقۇسى «ESPN» يېقىندا ھەر قايسى كۇلۇبلارنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى يۆتكىلىش بازىرىغا سالغان ئومۇمىي ساپ مەبلەغ رەت تەرتىپىنى باھالاپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە مانچېستېر شەھىرى بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا بارسېلونا ۋە پارىژ سانت گېرمان قاتارلىق كوماندىلارمۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلار ئالدىنقى توققۇز ئورۇن ئىچىدىكى بەش ئورۇننى ئىگىلىگەن، قوشماق مىلان كوماندىسىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

يېقىنقى ئون يىل يۆتكىلىش بازىرىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان كوماندىلار رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1-مانچېستېر شەھىرى: (ئېنگلاند) 631 مىليون ياۋرو

2-مانچېستېر بىرلەشمىسى: (ئېنگلاند) 586 مىليون ياۋرو

3-بارسېلونا: (ئىسپانىيە) 471 مىليون ياۋرو

4-پارىژ سانت گېرمان: (فرانسىيە) 455 مىليون ياۋرو

5-خەلقئارا مىلان: (ئىتالىيە) 386 مىليون ياۋرو

6-ئېۋېرتون: (ئېنگلاند) 346 مىليون ياۋرو

7-ئاستون ۋىللا: (ئېنگلاند) 339 مىليون ياۋرو

8-AC مىلان: (ئىتالىيە) 311 مىليون ياۋرو

9-چېلسى: (ئېنگلاند) 308 مىليون ياۋرو

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى يۆتكىلىش بازىرىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان كوماندىلار رەت تەرتىپى

ئامېرىكا تاراتقۇسى «ESPN» يېقىندا ھەر قايسى كۇلۇبلارنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى يۆتكىلىش بازىرىغا سالغان ئومۇمىي ساپ مەبلەغ رەت تەرتىپىنى باھالاپ چىققان،