ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېسسىنىڭ بارسېلوناغا «خوش» دەيدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 08:49

بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى 2020-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯘﻟﯘﺑﻼﺭ لوڭقىسى ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ مۇسابىقىسىدە، بايرېن مىيۇنخېن 0:1 نەتىجىدە مېكسىكا يولۋىسى كوماندىسىنى يېڭىپ 2020-يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺮﯦﻦ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯧﻦ بارسېلونادىن كېيىنكى ئىككىنچى «ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﺎﮪﻠﯩﻖ»ﻗﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.

بۈگۈنكى كۈندە كوماندىنى يېتەكلەپ «ئالتە شاھلىق»قا ئېرىشكەن لېۋاندوۋىسكىنى كۆرگىنىمىزدە، ئىختىيارسىز ھالدا مېسسى يادىمىزغا ئالىمىز.

ئەينى چاغدا رىجكارد ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، گۇاردىئولا بارسېلونانىڭ ترېنېرلىق ئورنىغا چىققان ھەمدە رونالدىنھو ۋە دېكونى ئۇزىتىپ، مېسسىنى يادرو قىلغان يېڭى جەڭ تاكتىكىسىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارسېلونانىڭ «چۈش 3-كوماندىسى» دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان.

شۇ يىلى بارسېلونادا تۆھپىكار توپچى پۇيول باشچىلىقىدىكى مۇداپىئەچىلەر، يەنە ئىنېستا، بۇسكېس قاتارلىق لاماسىيا ياش ئەۋلادلىرىنىڭ سەرخىللىرى ۋە ئاستا-ئاستا ئۆزىنى دۇنياغا نامايان قىلىۋاتقان مېسسىمۇ بار ئىدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شۇ يىلى بارسېلونا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ۋە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، كېيىنكى يېرىم يىلدا يەنە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، تارىختا تۇنجى بولۇپ «ئالتە شاھلىق»نى قولغا كەلتۈرگەن.

مېسسىنىڭ باشچىلىقىدىكى بارسېلونانىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن خانلىق مادرىد پۈتۈن كۈچى بىلەن كرىستىيانو رونالدو، كاكا، بېنزېما قاتارلىق توپچىلارنى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق بارسېلونا بىلەن رىقابەتلەشمەكچى بولغان.

ئارىدىن 12 يىل ئۆتۈپ، «ئالتە شاھ» قايتىدىن پۇتبول سەھنىسىگە چىقتى، پەقەت بارسېلونا بايرېن مىيۇنخېنغا ئۆزگەردى، لېۋاندوۋىسكى بولسا مېسسىنىڭ ئورنىنى ئالدى.



بارسېلونا يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ خاتا مەشغۇلات قىلىشى كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ جەڭگىۋار روھىنى بەرباد قىلدى، كېيىن بارسېلونا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 8:2 نەتىجىدە بايرېن مىيۇنخېنغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويدى، مېسسى شۇ سەۋەبلىك كوماندىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالدى.

ئۇ بارسېلونانى چوڭقۇر سۆيىدۇ، لېكىن باشقۇرۇش قاتلىمى مېسسىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەت قالدۇردى.

مېسسى كېتىشكە بەل باغلىدى، ئەمما بارسېلونا ئۇنى مەجبۇرىي ئېلىپ قالدى، ئىچ مىجەز ھەم پۇتبولغا سادىق بولغان مېسسى ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشتە يەنىلا بارتۇمېئونىڭ رەقىبى ئەمەس، شۇڭا نوكەمپوغا بولغان مۇھەببىتى، مېسسىنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى تەسەللىسى.

بارتۇمېئو ئىستىپا بىرىشتىن بۇرۇن كوماننى ترېنېرلىققا تەكلىپ قىلدى، كوماندا جىددىي ئۆزگەرتىشكە مۇھتاج بولسىمۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن كوتىنھو، ئۇمتىتى قاتارلىق توپچىلارنى ئۇزۇتۇپ قويماي، بەلكى سۇئارېز بىلەن راكىتىچنى ئۇزۇتۇپ قويدى، يەنە ئارتۇر بىلەن ئىپادىسى تۆۋەنلەشكە باشلىغان پيانىچنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇردى.

بەلكىم بۇنى بارسېلونا مەستانىسىلا ئەمەس، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مېسسىمۇ كۆڭلىدە ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ھازىر بارسېلونا ئۈچۈن مېسسى بۇرۇنقىدەك «ھەممىگە قادىر» بولغان توپچى ئەمەس، مېسسىنىڭ يېشىمۇ چوڭىيىپ قالدى، ئىپادىسىمۇ بۇرۇنقىدەك قالتىس ئەمەس، ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولسا كوماندىنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى قانداق ھەل قىلىشتا، ئۇنىڭدىن باشقا، كوماندىنىڭ زور سوممىلىق قەرزى بار، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى بەلكىم مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە ياخشىلىنىشى مۇمكىن، بۇنى مېسسىنىڭ ئۆزىمۇ ئېنىق چۈشىنىدۇ، بۇ دەل بارسېلونانىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان سادىر قىلغان خاتالىقلىرى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى بولۇشى مۇمكىن.

مېسسى كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا يەنىلا كرىستىيانو رونالدودىن ئېشىپ كېتىشنى، داۋاملىق ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن ھازىرقى بارسېلونا مېسسى ئۈچۈن بۇلارنى ھازىرلاپ بېرەلمەيدۇ، ئەگەر مېسسى داۋاملىق بارسېلونادا قېلىشنى قارار قىلسا، ئۇنداقتا بارسېلونا ئەسلىدىكى كۈچلۈك ھالىتىگە قايتىشى ئۈچۈن ئىككى، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا مېسسى كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يېقىنلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا مېسسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولسا بارسېلونادىن ئايرىلىپ رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان كوماندىلارغا قوشۇلۇش، دەل شۇنداق قىلغاندىلا، مېسسى يەنە ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مېسسىنىڭ بارسېلوناغا «خوش» دەيدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى

بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى 2020-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯘﻟﯘﺑﻼﺭ لوڭقىسى ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ مۇسابىقىسىدە، بايرېن مىيۇنخېن 0:1 نەتىجىدە مېكسىكا يولۋىسى كوماندىسىنى يېڭىپ 2020-يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺮﯦﻦ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯧﻦ بارسېلونادىن كېيىنكى ئىككىنچى «ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﺎﮪﻠﯩﻖ»ﻗﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.