ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ: مادرىد ئاتلېتكا 1:0 چېلسى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-24 09:21

بېيجىڭ ۋاقتى 24-فېۋرال سەھەر سائەت 4:00تىكى 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا مادرىد ئاتلېتكا ساھىبخان مەيداندا چېلسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ماركوس لورېنت چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ ۋېرنېرنى يىقىتىۋەتتى، باش رېپىر بۇنىڭغا ھېچقانداق ھۆكۈم ئېلان قىلمىدى، لېمار پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى، ئوبلاك خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0:0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە چېلسىدىن گىرۇد تەتۈر ئىلمەك توپ كىرگۈزدى، ئاخىرىدا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي چېلسى 0:1 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

 

 

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سۇئارېز توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن قاپقا ئالدىغا پاس چىقاردى، لېمارنىڭ تەپكەن توپى قېيىپ كەتتى، ۋېرنېر چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يىقىتىۋېتىلدى لېكىن باش رېپىر بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى، ﻣﺎﺭﻛﻮﺱ ﺋﺎﻟﻮﻧﺴﻮنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى ئوبلاك توسۇۋالدى، جورگىنھو چەكلەنگەن رايون ئىچىگە ئۇزۇن پاس تاشلىدى بىراق ئودوي بۇ توپنى قوغلاپ يېتىشەلمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمەي 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

 

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مونت توپنى ئېلىپ قارشى تەرەپ توپچىلىرىنى ئالداپ ئۆتكەندىن كېيىن چەكلەنگەن رايون ئىچىگە ئۇزۇن پاس يەتكۈزدى، ۋېرنېر بۇ توپنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىدى، سائۇلنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىن قاپقىغا قارىتىپ تەپكەن توپى قېيىپ كەتتى، مۇسابىقىنىڭ 68-مىنۇتىدا چېلسى بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، چېلسى ھۇجۇم تەشكىللەپ گىرۇد چەكلەنگەن رايون ئىچىدە تەتۈر ئىلمەك توپ كىرگۈزدى، ئارقىدىنلا چېلسى يەنە بىر قېتىم قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللىدى، ۋېرنېرنىڭ تەپكەن توپى قاپقا يېنىغا تەگدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، ئاخىرىدا چېلسى مېھمان مەيدان مۇسابىقىدىكى مۇھىم بىر توپنى كىرگۈزۈپ 0:1 نەتىجىدە مادرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلدى.

 

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ: مادرىد ئاتلېتكا 1:0 چېلسى

بېيجىڭ ۋاقتى 24-فېۋرال سەھەر سائەت 4:00تىكى 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا مادرىد ئاتلېتكا ساھىبخان مەيداندا چېلسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.