ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئەنگلىيەدە ھايۋانلارمۇ قىيىن كۈنگە قالدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-24 09:24

يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى يېڭى ھۆججەت كەمچىل بولغانلىقتىن، ئەنگلىيەنىڭ لېيستېر ۋىلايىتىگە جايلاشقان تۋىي كروس ھايۋانات باغچىسى پىلان بويىچە بىر قىسىم قىممەتلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ئاپىرىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، بۇ باغچىنىڭ قوغداش تۈرىنى توختىتىپ قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ھايۋانات باغچىسى تۈرلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

تۋىي كروس ھايۋانات باغچىسىنىڭ يىلپىز كۆپەيتىش پىلانىغا قاتناشقىنىغا 20 يىل بولدى، 2014-يىلى ۋە 2016-يىلى بۇ يەر بىر نەچچە يىراق شەرق يىلپىز بالىسىنى كۈتۈۋالغان ئىدى. باغچە تەرەپ ئەسلىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان يىراق شەرق يىلپىزىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئېكسپورت قىلماقچى بولغان، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن ھۆججەت، جەدۋەللەرنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنغاچقا، بۇ پىلاننى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

 

ھايۋانات باغچىسىنىڭ باشلىقى دورمان ھۆكۈمەتنىڭ زۆرۈر جەدۋەللەرنى تەييارلاش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مۇھىت، يېمەكلىك ۋە يېزا ئىشلىرى باشقارمىسى (Defra)نىڭ جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. دورماننىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي ئىكەن. ھايۋانات باغچىسى ئەسلىدە چىشى يىراق شەرق يىلپىزى سامارا (Samara)نى بېلگىيەدىكى بىر ھايۋاناتلار باغچىسىغا «قۇدىلىشىش»قا ئاپىرىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشنى پىلانلىغانىدى، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بۇ پىلان ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

点击进入下一页ياۋروپا قىتئەسىدىن ئايرىلىش ۋە يۇقۇم ئەھۋالى قوشۇلۇپ، ھايۋانلارنىڭ كۆچۈشى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلىندى.

 

خەۋەر قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتىن باشقا، يۇقۇممۇ ھايۋانات باغچىسىنىڭ كۆپىيىش پىلانىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقۇم كۆرۈلگەن مەزگىلدە ھايۋانات باغچىسى تاقالغاچقا كىرىمىمۇ ئازىيىپ كەتكەن. دورمان مۇنداق دېدى: «بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر سىز ھايۋانلارنى دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىگە يۆتكىمەكچى بولسىڭىز، بۇنىڭغا ئاز پۇل خەجلىمەيسىز».

ئەنگلىيە ۋە ئىرېلاندىيە ھايۋانات باغچىسى ۋە سۇ جانلىقلىرى سارىيى جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھايۋانات باغچىسىدىكى ھايۋانلارنى ئىز قوغلاپ يۆتكەشكە ئىشلىتىلىدىغان بىر يۈرۈش سىستېمىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان، ئەنگلىيەدە بىر قېتىممۇ دۆلەت ھالقىغان ھايۋانلارنىڭ كۆچۈشى يۈز بەرمىگەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، 2020-يىلى 1-ئايدا خاتىرىلەنگەن ھايۋانلارنىڭ كۆچۈش قېتىم سانى 155 قېتىم بولغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان «ھايۋانلارنى يۆتكەش قىيىن بولۇش» ھايۋانات باغچىسىنىڭ ھەرىكەتچان قوغداش خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئەنگلىيەدە ھايۋانلارمۇ قىيىن كۈنگە قالدى

يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى يېڭى ھۆججەت كەمچىل بولغانلىقتىن، ئەنگلىيەنىڭ لېيستېر ۋىلايىتىگە جايلاشقان تۋىي كروس ھايۋانات باغچىسى پىلان بويىچە بىر قىسىم قىممەتلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ئاپىرىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، بۇ باغچىنىڭ قوغداش تۈرىنى توختىتىپ قويۇلدى.