ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بارسېلونا ئورگان تورىدا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇدا مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتلىرىنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 08:19

ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 29-ئايلانمىسىدا بارسېلونا 0:1 نەتىجىدە ۋاللادولىدنى مەغلۇپ قىلىپ، مادرىد ئاتلېتكا بىلەن بولغان پەرقنى بىر نومۇرغا چۈشۈردى، ئۇلار ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كېيىن 19 ئايلانما مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولمىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 16 مەيدان غەلىبە قىلىپ ئۈچ مەيدان تەڭلەشتى.

بارسېلونا 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كادىز كوماندىسىغا 2:1 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش نىسبىتى تۆۋەن دەپ قارالغان، لېكىن ئۇلار بوشاشماي تىرىشى ئارقىلىق ئۇدا 19 مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولمىدى، بارسېلونا بۇ 19 ئايلانما مۇسابىقىدە 48 توپ كىرگۈزۈپ ئاران ئۈچ توپ كەتكۈزدى، پەقەت ۋالېنسىيە، خېئۇسكا ۋە ئېيبار بىلەنلا تەڭلەشتى، شۇنداقلا رەت-تەرتىپتە خانلىق مادرىدتىن ئېشىپ، بىرلەشمە سەركىسى مادرىد ئاتلېتكا بىلەن بولغان پەرقنى بىر نومۇرغا چۈشۈردى.

19 ئايلانما مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولماسلىق بارسېلونانىڭ يەككە پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەڭ ئۇزۇن مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتىدا ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلار 2017/2018 مۇسابىقە پەسلى ۋالۋېرد ترېنېرلىق قىلغاندا ئۇدا 36 ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇدا مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتى ياراتقان، ئەينى ۋاقىتتا 2-ئايلانمىدا لېۋانتقا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان.

بارسېلونانىڭ يەككە پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتى:

2017/2018 مۇسابىقە پەسلى: 36 مەيدان، ئەينى ۋاقىتتىكى باش ترېنېر ۋالۋېرد

2010/2011 مۇسابىقە پەسلى: 31 مەيدان، ئەينى ۋاقىتتىكى باش ترېنېر گۇاردىئولا

2018/2019 مۇسابىقە پەسلى: 23 مەيدان، ئەينى ۋاقىتتىكى باش ترېنېر ۋالۋېرد

2008/2009 مۇسابىقە پەسلى: 22 مەيدان، ئەينى ۋاقىتتىكى باش ترېنېر گۇاردىئولا

2009/2010 مۇسابىقە پەسلى: 21 مەيدان، ئەينى ۋاقىتتىكى باش ترېنېر گۇاردىئولا

2012/2013 مۇسابىقە پەسلى: 19 مەيدان، ئەينى ۋاقىتتىكى باش ترېنېر ۋىلانوۋا

2020/2021 مۇسابىقە پەسلى: 19 مەيدان، باش ترېنېر كومان

中央广播电视总台 央广网 版权所有