ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىمارىيا: مېسسى باشقا پىلانېتادىن كەلگەن، ئۇنىڭ بىلەن كۇلۇبتا سەپداش بولغۇم بار

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 16:21

يېقىندا پارىژ سانت گېرمان توپچىسى دىمارىيا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش خەۋىرى ئۈستىدە توختالدى ھەمدە مېسسى بىلەن پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىدا سەپداش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىمارىيا: «مېسسى ماڭا خۇددى باشقا بىر پىلانېتادىن كەلگەندەكلا بىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن كۇلۇبتا سەپداش بولالىغان بولسام بەك ياخشى بولاتتى. لېكىن ئۇ ھازىر يەنىلا بارسېلونا توپچىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختامى بار. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم پاراڭلاشتىم، ھەمدە ئۇنىڭغا ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتتىم. ھازىر ئۇنىڭ كەلگۈسىدە قايسى كوماندىغا بارىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس» دېدى.

مېسسىنىڭ بارسېلونا بىلەن بولغان توختامى بۇ يىل يازدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى تاراتقۇلار پارىژ سانت گېرماننىڭ مېسسىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق مېسسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەلگۈسى ئۈستىدە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有