ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

زىدانى غالىبىيەتچىگە ئايلاندى، كومان بولسا 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتچىگە ئايلاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:40

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر دىستېفانو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن، 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 30-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى»دا خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد بېنزېما بىلەن تونى كروسنىڭ بىردىن توپ كىرگۈزۈشىگە تايىنىپ، ساھىبخان مەيداندا 1:2 نەتىجە بىلەن بارسېلونانى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمىدە بارسېلونانى قوش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىش بىلەن بىرگە يېقىنقى ئۈچ قېتىملىق «دۆلەت دېربىيسى»نى تولۇق غەلىبە بىلەن تاماملىدى.

مۇسابىقىدىن كېيىنكى سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ مەيدان مۇسابىقە زىدانىنىڭ ترېنېرلىق ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 11-قېتىم بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىلىشىشى بولۇپ، بۇ مەيدان غەلىبە ئۇنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق غەلبىسى ھېسابلىنىدىكەن، نۆۋەتتە فرانسىيەلىك بۇ ترېنېرنىڭ كوماندا يېتەكلەپ بارسېلونا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن نەتىجىسى بولسا ئالتە مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئۈچ تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش بولۇپ، 11 قېتىملىق رىقابەتتە ئاران ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولغان، خانلىق مادرىدنىڭ يېتەكلەپ بارسېلونا بىلەن ئوينىغان يېقىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ بىر مەيدان تەڭلەشكەن.

گوللاندىيەلىك ترېنېر كومان بولسا بۇ مەيدان مەغلۇبىيەت بىلەن بارسېلونا كوماندىسىغا ترېنېر بولغاندىن كېيىنكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئوينالغان ئالدىنقى ئىككى مەيدان «دۆلەت دېربىيسى»نى تولۇق مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملىدى.

كومان بۇ مۇسابىقە پەسلى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، خانلىق مادرىد بىلەن ئوينىغان ئىككى مەيدان «دۆلەت دېربىيسى»دا بارسېلونا تولۇق مەغلۇپ بولدى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ساھىبخان مەيداندا 3:1 نەتىجىدە مېھمان مەيداندا بولسا 2:1 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كومان بۇ مەيدان مەغلۇبىيەت بىلەن ناچار رېكورتتىن بىرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، 1980-يىلىدىكى بارسېلونا ترېنېرى رىفېدىن كېيىن، ترېنېرلىق ھاياتىدىكى ئالدىنقى ئىككى مەيدان «دۆلەت دېربىيسى»دا تولۇق ئۇتتۇرغان تۇنجى ترېنېرغا ئايلانغان.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئىككى كوماندىنىڭ ئۇچرىشىش تارىخىدىكى نەتىجە سېلىشتۇرمىسىدا خانلىق مادرىد نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تارىختىن بۇيانقى 246-مەيدان «دۆلەت دېربىيسى» بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئوينالغان 245 مەيدان مۇسابىقىدە، خانلىق مادرىد 97 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 52 مەيدان تەڭلىشىپ، 96 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن خانلىق مادرىد بارسېلونا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىلەردە غەلىبە قىلغان مەيدان سانىنى 98 مەيدانغا ئۆرلەتتى.

يۇقارقىلاردىن باشقا ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ئاس گېزىتى»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بارسېلونا خانلىق مادرىد تەرىپىدىن قوش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان مۇسابىقە پەسلىدە ئۇلار ئەزەلدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشەلمىگەن.

بارسېلونانىڭ ئالدىنقى يەككە مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە خانلىق مادرىد تەرىپىدىن قوش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ۋاقتى 2007/2008 مۇسابىقە پەسلىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ مۇسابىقە پەسلى خانلىق مادرىد ئاخىرىدا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

زىدانى غالىبىيەتچىگە ئايلاندى، كومان بولسا 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتچىگە ئايلاندى

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر دىستېفانو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن،