خانلىق مادرىد خازاردنى 50 مىليون ياۋرو باھادا قولدىن چىقىرىشنى خالايدۇ
خانلىق مادرىد ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېلسىغا ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئىپادىسى ياخشى بولمايۋاتقان خازاردنى يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە قولدىن چىقىرىشنى قارار قىلدى.
خازارد يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم يارىلىنىش سەۋەبلىك كوماندىغا كۈچ قوشالمىدى، شۇنداقلا مەستانىلەرنىڭمۇ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىدى. خانلىق مادرىد ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قارشى تەرەپ توپچىلىرى بىلەن كۈلكە-چاقچاق قىلىشىمۇ كۆپچىلىكنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
تەنتەربىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خانلىق مادرىد خازاردتىن «ئۈمىد ئۈزگەن» بولۇپ، ئۇنىڭ كۇلۇبنى ھۆرمەت قىلمىغانلىقىدىن قاتتىق «كۆڭلى قايتقان»، ناۋادا بىرەر كۇلۇب خازاردقا 50 مىليون ياۋروپا ئەتراپىدا باھا قويسا ئۇلارمۇ ئىككىلەنمەستىن بۇ توپچىنى قولدىن چىقىرىشنى خالايدىكەن.