ئىنېستا تۇغۇلغان كۈنىدە كوبى غەلىبە كېمىسى كوماندىسى بىلەن توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسپانىيەلىك چولپان ئىنېستا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ كوبى غەلىبە كېمىسى كوماندىسى بىلەن 203-يلىغىچە توختام ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىدى.
بۈگۈن ئىنېستانىڭ 37 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. ئۇ 2018-يىلى يازدا كوبى غەلىبە كېمىسى كوماندىسىغا قوشۇلغان، ھازىرغىچە كوماندىغا ۋاكالىتەن 77 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 16 توپ كىرگۈزۈپ 18 ياردەمچى پاس بەرگەن.
ئىنېستا 2019-يىلى ياپونىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان، 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى ياپونىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئىنېستا كوبى غەلىبە كېمىسى كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە پادىشاھ لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى ۋە ياپونىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.