ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇففون: بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىمەن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 10:53

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ماي بۇففون مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ يۇۋېنتۇس بىلەن داۋاملىق توختام ئۇزارتمايدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى باشقا كوماندىغا بېرىپ داۋاملىق توپ تېپىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇففون زىيارەتتە مۇنداق دېدى: «مەن كەلگۈسۈم توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ بولدۇم، مېنىڭ يۇۋېنتۇستىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرگە تولغان سەپىرىم ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بەلكىم كەسپىي ھاياتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇشۇم ياكى باشقا كوماندىغا بېرىپ رىقابەت ئىزدىشىم مۇمكىن، مېنىڭ يەنە ئويلىنىشقا يېتەرلىك ۋاقتىم بار»

«مەن يۇۋېنتۇس ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتىدىم شۇنداقلا بۇ يەردە ھەممە نەرسىگە ئېرىشتىم، مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم، ئەمدى بۇ ئىشلارغا خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىتمۇ يېتىپ كەلدى، ھازىر بىر تەرەپنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە ئېلىپ كەلگەن يۈكىنى يېنىكلىتىش مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ توغرا ئۇسۇلدۇر»

بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن بۇففون كەسپىي ھاياتىدا يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن 683 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىغا ۋاكالىتەن 12 قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى.

بۇففون پارمانىڭ ياشلار مەشىق بازىسىدا يېتىشىپ چىققان، پارمادا توپ تېپىۋاتقان مەزگىلىدىلا كۆپلىگەن كوماندىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، يۇۋېنتۇس 2001-يىلى 53 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققىنى تۆلەپ ئۇنى كوماندىغا قوشۇۋلغان، بۇففون 2018-يىلى يازدا ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغان، پارىژ سانت گېرماندا بىر يىل توپ تەپكەندىن كېيىن 2019-يىلى يەنە يۇۋېنتۇسقا قايتقان، ئۆتكەن يىلى يازدا كۇلۇب بىلەن بىر يىللىق توختام ئۇزارتقان.

بۇففون يۇۋېنتۇس بىلەن بىرلىكتە 10 قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى. بەش قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، يەتتە قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويۇپ ھەممىسىدە ئىككىنچى بولغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇففون: بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىمەن

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ماي بۇففون مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ يۇۋېنتۇس بىلەن داۋاملىق توختام ئۇزارتمايدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى باشقا كوماندىغا بېرىپ داۋاملىق توپ تېپىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.