تارىختا بىرىنچى! رونالدو ئوخشاش بولمىغان ئۈچ دۆلەت بىرلەشمىسىدە ئاز دېگەندە 100 توپ كىرگۈزدى
بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 36-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس 1:3 نەتىجىدە ساسۇلونى مەغلۇپ قىلدى، كرىستىيانو رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن بۇيانقى 100-توپىنى تاماملىدى. «ESPN»نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، كرىستىيانو رونالدو پۇتبول دۇنياسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئوخشاش بولمىغان ئۈچ دۆلەت بىرلەشمىسىدە ئاز دېگەندە 100 توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلانغان.
كرىستىيانو رونالدونىڭ كۇلۇبتىكى سانلىق مەلۇماتى:
پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى: 31 مەيداندا بەش توپ كىرگۈزۈپ ئالتە ياردەمچى پاس بەرگەن
مانچېستېر بىرلەشمىسى: 292 مەيداندا 118 توپ كىرگۈزۈپ 69 ياردەمچى پاس بەرگەن
خانلىق مادرىد: 438 مەيداندا 450 توپ كىرگۈزۈپ 132 ياردەمچى پاس بەرگەن
يۇۋېنتۇس: 131 مەيداندا 100 توپ كىرگۈزۈپ 22 ياردەمچى پاس بەرگەن
بۇنىڭدىن باشقا، رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدا 173 مەيداندا 103 توپ كىرگۈزگەن