ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدىكى 34-قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-20 15:41

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر ئاخىرلاشقان بۇ مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس 1:2 نەتىجىدە ئاتلانتانى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بۇمۇ يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشكەن 34-قېتىملىق چېمپىيونلۇقى ھېسابلىنىدۇ.

كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشكەن چېمپىيونلۇق لوڭقىلىرى تۆۋەندىكىچە:

دۆلەت كوماندىسىدا ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن

ياۋروپا لوڭقىسى: بىر قېتىم (2016-يىلى)

ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمىسى: بىر قېتىم (2019-يىلى)

كۇلۇب ھاياتىدا 32 قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن

پورتۇگالىيە تەنتەربىيىسى كۇلۇبى: بىر قېتىم

پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى: بىر قېتىم (2002-يىلى)

مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبى: 10 قېتىم

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى: ئۈچ قېتىم (2006/2007-يىللىق، 2007/2008-يىللىق ۋە 2008/2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: بىر قېتىم (2007/2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)

دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى: بىر قېتىم (2008-يىل)

ئېنگلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى: بىر قېتىم (2004-يىل)

ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى: ئىككى قېتىم (2006-يىل، 2009-يىل)

ئېنگلاند رايون قالقىنى لوڭقىسى: ئىككى قېتىم (2007-يىل، 2008-يىل)

خانلىق مادرىد كۇلۇبى: 16 قېتىم

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى: ئىككى قېتىم (2011/2012-يىللىق ۋە 2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: تۆت قېتىم (2013/2014-يىللىق، 2015/2016-يىللىق، 2016/2017-يىللىق، 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)

دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى: ئۈچ قېتىم (2014-يىل، 2016-يىل ۋە 2017-يىل)

ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى: ئۈچ قېتىم (2014/2015-يىللىق، 2016/2017-يىللىق، 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)

ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى: ئىككى قېتىم (2010/2011-يىللىق ۋە 2013/2014-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)

ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى: ئىككى قېتىم (2012/2013-يىللىق ۋە 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)

يۇۋېنتۇس كۇلۇبى: بەش قېتىم

ئىتالىيە بىرلەشمىسى: ئىككى قېتىم (2018/2019-يىللىق ۋە 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)

ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى: ئىككى قېتىم (2018/2019-يىللىق ۋە 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)

ئىتالىيە لوڭقىسى: بىر قېتىم (2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدىكى 34-قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر ئاخىرلاشقان بۇ مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس 1:2 نەتىجىدە ئاتلانتانى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بۇمۇ يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشكەن 34-قېتىملىق چېمپىيونلۇقى ھېسابلىنىدۇ.