بارسېلونا فلىكنى كوماندىنىڭ باش ترېنېرلىقىغا تەكلىپ قىلدى
تەنتەربىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سابىق بايرېن مىيۇنخېن ترېنېرى فلىك بارسېلونانىڭ كوماندىغا ترېنېر تەكلىپ قىلىشتىكى بىرىنچى تاللىشىغا ئايلانغان.
بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، تەنتەربىيە تاراتقۇلىرى بارسېلونانىڭ فلىكنى كوماندىنىڭ ترېنېرلىقىغا تەكلىپ قىلماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، گېرمانىيەلىك ترېنېر فلىك بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بايرېن مىيۇنخېندىن ئايرىلىدۇ، فلىك بايرېن مىيۇنخېننى يېتەكلەپ «ئالتە شاھ»لىققا ئېرىشكەن.
خەۋەردە دېيىلىشچە، ئەگەر كومان ئىشتىن بوشىتىلسا ئۇنداقتا بارسېلونا كوماندىغا ترېنېر تەكلىپ قىلىشتا بىرىنچى بولۇپ فلىكنى ئويلىشىدىكەن، لاپورتامۇ فلىك بىلەن ئالاقىلىشىپ بولغان، لاپورتا فلىكنىڭ پۇتبول تاكتىكىسىنى كوماندىنىڭ رىقابەت ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ دەپ قارىغان.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، فلىكنىڭ كېيىنكى قەدەمدە گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما فلىك ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارمىغان.