مېسسى ئۆيىگە قايتىش يولىدا مەستانىلەرگە ئىمزا قويۇپ بەردى
ئارگېنتىنا كوماندىسى ئامېرىكا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 28 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، مېسسىمۇ دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
مېسسى ئارگېنتىنانىڭ روسارىئودىكى ئۆيىگە قايتىۋاتقان ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان ئارگېنتىنا مەستانىلىرى يېقىن ئەتراپقا يىغىلىۋالدى، مېسسى ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلار تەڭلىگەن كىيىملەرگە ئىمزا قويۇپ بەردى. ئامېرىكا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ جەرياننى مەخسۇس خەۋەر قىلدى. توپ مەستانىلىرى ئىنتايىن قىزغىن بولغاچقا، كىيىملەر كەينى-كەينىدىن مېسسىغا سۇنۇلدى، مېسسىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن بىر-بىرلەپ ئىمزا قويۇپ بەردى.