ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بارسېلونا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كرىستىيانو رونالدوغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر چاپلانغان

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-18 16:48

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ئا س گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كرىستىيانو رونالدونىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر چاپلانغان ئىكەن.

بارسېلونانىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ تېمىغا «ئا س گېزىتى»نىڭ بىر پارچە باشبەت خەۋىرى چاپلانغان بولۇپ، خەۋەرنىڭ مەزمۇنى بولسا: «كرىستىيانو رونالدو ۋىروس بىلەن يۇقۇملاندى، ئۇ ئەمدى بارسېلونا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن.

بۇ باشبەت خەۋىرى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا بارسېلونا بىلەن يۇۋېنتۇس ئوينىغان مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان خەۋەر بولۇپ، كرىستىيانو رونالدو يۇقۇملانغانلىقى سەۋەپلىك بارسېلونا بىلەن ئوينايدىغان تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان، ئاخىرىدا بارسېلونا مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلغان.

ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ خەۋەرمۇ داۋاملىق بارسېلونانىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە تامغا چاپلانغان ھالەتتە تۇرۇۋەرگەن بولۇپ، توپچىلاردىن كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇشنى ئەسكەرتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ كەلگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有