ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خاررى كېن ئېنگلاند كوماندىسىدىكى مەرگەنلەر تەرتىپىدە ئوۋېن بىلەن تەڭلەشتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-06 16:49

بېيجىڭ ۋاقتى 6-سېنتەبىر سەھەر سائەت 2:45تە ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايونى تاللاش باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، ئېنگلاند 0:4 نەتىجىدە ئاندوررانى مەغلۇپ قىلدى، خاررى كېن مۇسابىقىنىڭ 72-مىنۇتىدا بىر نۇقتا توپ كىرگۈزۈپ ئېگلاند كوماندىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر تەرتىپىدە ئوۋېن بىلەن تەڭلەشتى. بۇنىڭدىن باشقا، خاررى كېيىن دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا 14 مەيدان توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

خاررى كېن بۇ توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن دۆلەت كوماندىسىدىكى توپ سانى 40 توپقا يېتىپ ئوۋېن بىلەن تەڭ مەرگەنلەر تەرتىپىدە 5-ئورۇنغا تىزىلدى. ئۇنىڭ ئالدىدا رۇنېي (53 توپ)، بوبى چارلىتون (49 توپ)، لىنېكېر (48 توپ) ۋە گرېۋېس (43 توپ) قاتارلىق توپچىلار بار. خاررى كېن 40 توپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن 63 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئوۋېن بولسا 85 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خاررى كېن ئېنگلاند كوماندىسىدىكى مەرگەنلەر تەرتىپىدە ئوۋېن بىلەن تەڭلەشتى

خاررى كېن بۇ توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن دۆلەت كوماندىسىدىكى توپ سانى 40 توپقا يېتىپ ئوۋېن بىلەن تەڭ مەرگەنلەر تەرتىپىدە 5-ئورۇنغا تىزىلدى.