ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كومان: داۋاملىق بارسېلونادا باش ترېنېرلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 15:14

يېقىندا بارسېلونانىڭ باش ترېنېرى كومان «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ زىيارەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ بارسېلونا بىلەن توختام ئۇزارتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كوماننىڭ ھازىر بارسېلونا بىلەن تۈزگەن توختامى 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى توشىدۇ. كومان توختام ئۇزارتىشقا قارىتا مۇنداق دېدى: «شۇنداق، مەن توختام ئۇزارتىشنى خالايمەن. ئەگەر مۇمكىن بولسا، بارسېلونادا ئۇزاققىچە ترېنېرلىق قىلسام دەيمەن. گەرچە ھازىر كۇلۇب قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ترېنېرلار گۇرۇپپىمىزغا، تېخنىك خادىملارغا ۋە بارلىق خىزمەتچى خادىملارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىزنىڭ نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن ياش توپچىلىرىمىز بار (پېدرى، فاتى، گاۋېي قاتارلىقلار)، كوماندىمىزنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە داۋاملىق بارسېلوناغا باش ترېنېر بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەڭ مۇھىمى مەن بارسېلونانىڭ ئادىمى، مەن ئىزچىل كۇلۇبنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا كۇلۇبقا ياردەم بېرىشنى ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قاراپ كەلدىم.»

中央广播电视总台 央广网 版权所有