ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېل: كرىستىيانو رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى تەڭداشسىز

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 15:18

خانلىق مادرىد چولپىنى بېل بۇ ھەپتە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا كونا سەپدىشى كرىستىيانو رونالدو ئۈستىدە توختالدى، ئۇ كرىستىيانو رونالدونىڭ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىگە قايتقانلىقىغا قارىتا، كرىستىيانو رونالدونىڭ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېل مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ بۇ يەردىمۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇ ئىلگىرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئۆزىنى ئىسپاتلىغان، ئۇ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ، پۇتبول ساھەسىدە ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ! ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى تەڭداشسىز، شۇڭا مەن ھەممەيلەنگە ئوخشاش كرىستىيانو رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېل: كرىستىيانو رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى تەڭداشسىز

مەن ئۇنىڭ بۇ يەردىمۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇ ئىلگىرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئۆزىنى ئىسپاتلىغان،