ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كونتې: پارىژ سانت گېرماننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تېپىش بارلىق ترېنېرلارغا نىسبەتەن ئاسان ئىش ئەمەس

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 15:25

بۈگۈن (16-سېنتەبىر) سەھەر ئاياغلاشقان ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى A گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا پارىژ سانت گېرمان مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجە بىلەن برۇگ كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ئاسمان تەنتەربىيىسىدە تەكلىپلىك چۈشەندۈرگۈچى بولغان كونتې مۇسابىقىدىن كېيىن پارىژ سانت گېرماننىڭ تەڭپۇڭلۇقنى تېپىش بارلىق ترېنېرلارغا نىسبەتەن ئاسان ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گەرچە مېسسى، نېيمار ۋە مباپپېدىن ئىبارەت ئۈچ دۇنياۋىي دەرىجىلىك پۇتبول چولپىنى بىرلىكتە تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا كوماندىغا ياردەم قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.

پارىژ سانت گېرماننىڭ ئىپادىسىگە قارىتا كونتې مۇنداق دېدى: «پارىژ سانت گېرماننىڭ تەڭپۇڭلۇقنى تېپىش ئاسان ئەمەس، بۇ پوچېتتىنو ئۈچۈن شۇنداق بولۇپلا قالماي، ھەر قانداق بىر ترېنېر ئۈچۈنمۇ ناھايىتى تەس.»

برۇگ بىلەن تەڭلەشكەندىن كېيىن كېيىنكى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە پارىژ سانت گېرمان يەنە مانچېستېر شەھىرى ۋە لېيپزىگ قىزىل كالا قاتارلىق ئەمەلىي كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىككى رەقىبكە دۇچ كېلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كونتې: پارىژ سانت گېرماننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تېپىش بارلىق ترېنېرلارغا نىسبەتەن ئاسان ئىش ئەمەس

بۈگۈن (16-سېنتەبىر) سەھەر ئاياغلاشقان ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى A گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا پارىژ سانت گېرمان مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجە بىلەن برۇگ كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.