ئابىدال: مېسسى، نېيمار، مباپپې ھۇجۇم گۇرۇپپىسىغا ئۇچرىغان رەقىبلەرگە ئامەت تىلەيمەن
يېقىندا داڭلىق ئابىدال «پارىژلىقلار گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پارىژ سانت گېرماندىكى «ئۈچ ئۇچلۇق ھۇجۇم نەيزىسى» ھەققىدە توختالدى.
ئابىدال مۇنداق دېدى: «ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەربىر مەيدان مۇسابىقىسى ناھايىتى قىيىن، كۆپ ھاللاردا ئىنچىكە ھالقىلار مۇسابىقىدە يېڭىش-يېڭىلىشنى بەلگىلىيەلەيدۇ. پارىژ سانت گېرماننىڭ بۇ يىل يازدىكى توپچى قوشىۋېلىش ھەرىكىتى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق نىشانىدىن قارىغاندا ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش كۇلۇبنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەممە ئادەم مېسسى، نېيمار، مباپپې ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى كۆرۈشكە تەقەززا. ئەگەر ھەممە ئىش نورمال بولسا، مېنىڭچە ئۇلار ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق كۈچلۈك ھۇجۇم گۇرۇپپىسىغا يولۇققان پارىژ سانت گېرمان رەقىبىگە مەن پەقەت ئامەتلا تىلەيمەن.»