ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رونالدو ئۆزى ئامراق يېمەكلىكلەرنى مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ تاماق تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-27 15:28

«قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدو ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى كۇلۇب ئاشخانىسىنىڭ تاماق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، بىراق رونالدو كىرگۈزگەن يېمەكلىكلەرنى مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى توپچىلار ئانچە ياقتۇرمىغان.
«قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە كرىستىيانو رونالدو ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيدىكەن، يېمەك-ئىچمەككە بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە ۋاخ تاماق يەيدىكەن. كرىستىيانو رونالدو يېقىندا كۇلۇب ئاشخانىسىغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەر تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەپ بەرگەن.

رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئاشخانىسىغا كىرگۈزگەن تاماق تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى پورتۇگالىيەنىڭ ئەنئەنىۋى داڭلىق قورۇمىسى Bacalhau بولۇپ، تۇزلانغان بېلىق، تۇخۇم قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان، بىراق بۇ قورۇمىنى رونالدونىڭ سەپداشلىرى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىشى كرىستىيانو رونالدونىڭ سىياھ بېلىققا ئامراق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ رونالدوغا ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، لېكىن كۆپىنچە توپچىلارنىڭ سىياھ بېلىق يېيىشنى تاللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有