ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كرىستىيانو رونالدو كەلگۈسىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ترېنېرلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 08:58

 

«قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىدە كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن ھەمدە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ترېنېرلار گۇرۇپپىسىغا كىرىدىكەن.

36 ياشلىق كرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن ئىككى يىللىق توختام ئىمزالىدى، لېكىن سولسىكيار ئۇنىڭ 40 يېشىدىمۇ داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەسىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن كرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ترېنېرلىق ھاياتىنى باشلىماقچى بولىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ 18 يېشىدا فېرگۇسون تەرىپىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى چوڭ ياردەم قىلدى دەپ قارايدۇ. ئەگەر كرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ترېنېرلىق قىلسا، ئۇ بۇ يىل 11 ياشقا كىرگەن كىچىك رونالدوغىمۇ يېتەكچىلىك قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا كىچىك رونالدومۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ياشلار مەشىق بازىسىغا كىردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ يۇۋېنتۇس ياشلار مەشىق بازىسىدا ئىدى ھەمدە توققۇز ياش ۋاقتىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە تۆت توپ كىرگۈزگەن ئىدى.

بىر ئەرباب مۇنداق دېدى: «كرىستىيانو رونالدو بارلىق كىشىلەرگە ئېنىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مانچىستېر بىرلەشمىسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ پەقەت مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۈچۈن ئىككى ئۈچ يىل كۈچ چىقىرىش ئۈچۈنلا كەلمىدى. ئۇ يەنىلا بەدەن ھالىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ باشقىلارغا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن كەلدى. ئۇ پۇتبولغا مەپتۇن ھەمدە مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى چۈشىنىدۇ. نۇرغۇن توپچىلار ترېنېرلىق ھاياتىنى مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن باشلىغان، شۇڭا ئۇ بۇنى كەسپىي ھاياتىنىڭ كېيىنكى بابىنى باشلاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كرىستىيانو رونالدو كەلگۈسىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ترېنېرلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا كىچىك رونالدومۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ياشلار مەشىق بازىسىغا كىردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ يۇۋېنتۇس ياشلار مەشىق بازىسىدا ئىدى ھەمدە توققۇز ياش ۋاقتىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە تۆت توپ كىرگۈزگەن ئىدى.