شاھ قايتىپ كەلدى! مېسسى پارىژ سانت گېرماندىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى
بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 3:00تە ئۆتكۈزۈلگەن 2021/2022 مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى A گۇرۇپپىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداندا مانچېستېر شەھىرى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، مۇسابىقىنىڭ 73-مىنۇتىدا مباپپې پاس چىقىرىپ مېسسى بىر توپ كىرگۈزدى، پارىژ سانت گېرمانمۇ ساھىبخان مەيداندا 0:2 نەتىجە بىلەن مانچېستېر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلدى.
تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ مېسسىنىڭ پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغاندىن كېيىن كىرگۈزگەن تۇنجى توپى، شاھ قايتىپ كەلدى!