ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

AC مىلان بىلەن يۇۋېنتۇس داۋاملىق ئىسكونى تالاشماقچى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-24 16:03

پۇتبول بازىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، AC مىلان بىلەن يۇۋېنتۇس خانلىق مادرىدنىڭ پۇتبول چولپىنى ئىسكونى قوشۇۋېلىشنى خالايدىكەن.

ھازىر ئىسكو بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ مۇناسىۋىتى بىراقلا بۇزۇلغان بولۇپ، بۇ ئىسپانىيەلىك توپچى قىشلىق يۆتكىلىش مەزگىلىدە كوماندىدىن ئايرىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، يۇۋېنتۇس بىلەن AC مىلان يەنىلا ئىسكونى قوشۇۋېلىشنى خالايدۇ، بىراق خانلىق مادرىد ئىسكونى قولدىن چىقىرىش ئارقىلىق ئازراق يۆتكىلىش ھەققىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا خانلىق مادرىد ئىسكونىڭ ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە كوماندىدىن ئايرىلىشىغا قوشۇلماسلىقى مۇمكىن.

بۇ پەسىل باشلىنىپ ھازىرغىچە ئىسكو خانلىق مادرىدقا ۋاكالىتەن ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرىدە جەمئىي يەتتە قېتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ، پەقەت بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

AC مىلان بىلەن يۇۋېنتۇس داۋاملىق ئىسكونى تالاشماقچى

پۇتبول بازىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، AC مىلان بىلەن يۇۋېنتۇس خانلىق مادرىدنىڭ پۇتبول چولپىنى ئىسكونى قوشۇۋېلىشنى خالايدىكەن.