ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رونالدو نېمە ئۈچۈن قېرىغىنىغا تەن بەرمەيدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-10 16:06

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا رونالدو ئىسپانىيە كوماندىسىغا «قالپاق ئويۇنى» ئويناپ تەنھا قەھرىمان بولغانىدى. دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندا خانلىق مادرىد مەستانىلىرىمۇ ئۇنىڭغا قىيمىغان ھالدا رەھمەت ئېيتقانىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ چاغدا رونالدو ئۆزىنىڭ بىر يىللىق قالتىس ئىپادىسى بىلەن ھەرقانداق ئۆزىگە قارشى سادالارنى باستۇرغانىدى.

يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش جەھەتتە تەڭ كۈچىمەكچى بولدى، ئەمما رونالدو تاكى ئايرىلغانغا قەدەر يۇۋېنتۇستا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشەلمىدى. بۇ نۇرغۇن يۇۋېنتۇس مەستانىلىرىنى نارازى قىلدى. لېكىن يۇۋېنتۇستىكى جەرياندا رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى يەنىلا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولدى، رونالدونىڭ مادرىد ئاتلېتكا بىلەن بولغان «قالپاق ئويۇنى»نى ئۇنى ئۆزى يالغۇز كوماندىنى كېيىنكى باسقۇچقا ئېلىپ كىردى دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن رونالدونىڭ يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى پەسىلدە يۇۋېنتۇس بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى تارتقۇزۇپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن ھەممە قارا مەستانىلەر بارلىق خاتالىقلارنى رونالدوغا ئارتتى. ئەمما بۇ جەرياندا رونالدو يەنە بىر شەخسىيەتچىلىك ئىشىنى قىلغان بولۇپ بۇ ئىش يۇۋېنتۇس مەستانىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ياقتۇرماسلىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، يەنى ئەمدىلا مەغلۇبىيەتلىك مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ يۇۋېنتۇستىن ئايرىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىرىستىيانو رونالدونىڭ نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇۋېنتۇس كۈچىمىسە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئۈمىدىنى كۆرەلمەيدۇ، لېكىن يۇۋېنتۇس مەستانىلىرىنىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا «بۇنداق ۋاقىتتا كەتسەڭ سېنىڭ ئورنىڭغا كىمنى قويىمىز.» بۇ ئاساسلىق زىددىيەت-يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنى ھەددىدىن زىيادە نىشان قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 

ئارقىدىنلا مانچېستېر بىرلەشمىسىگە بارغان رونالدو «پۈتۈن كوماندىغا يۈك بولۇپ قالدى» دەپ ئەيىبلەندى. گەرچە تاكتىكا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا مەسىلە كۆرۈلگەن بولسىمۇ لېكىن كوماندىنىڭ بىرىنچى مەرگىنى بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ باش رولچىسى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە كىرىستىيانو رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى تۆۋەن ئەمەس، يەنە بىر قانچە ھالقىلىق توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى بەلگىلىيەلەيدۇ ئەمما مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى توپچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلار بولسىمۇ ئىتتىپاق ئەمەس، قانداق ھەمكارلىشىشنى بىلمەيدۇ. بۇ رونالدونىڭ ئۇلارنىڭ ئوينىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ياشلارنىڭ نەزىرىدە 37 ياشتىن ئاشقان بىرى يەنىلا ئۆزلىرىدىن ئاساسلىق ئەزالىق ئورنى تالىشىۋاتىدۇ.

بۇ چاغدا رونالدو يەنە ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بويىچە يۇۋېنتۇسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلىغا ئوخشاش مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشالايدىغان بىر كوماندىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئىشنى قايتا-قايتا تەكرارلىدى.

 

يېشى سەل چوڭراق مانچېستېر بىرلەشمىسى مەستانىلىرى كىرىستىيانو رونالدونىڭ نېمىلا دېگەن بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە نۇرغۇن تۆھپە قوشقانلىقىنى نەزەرگە ئالىدۇ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا چىدىمايدۇ، ئەلۋەتتە رونالدونىڭ بەزى نەتىجىلىرى كوماندا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما يېڭىلا مانچېستېر بىرلەشمىسىگە مەستانە بولغانلار رونالدونىڭ بۇ قىلغىنىنى خاتالىق دەپ تونۇيدۇ.
 

رونالدونىڭ شۇنچە يەرگە بېرىپمۇ تەكلىپىنىڭ رەت قىلىنىشىغا كەلسەك ئاساسلىقى يەنىلا مەستانىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، ئۆزىنى بەك ئويلاشتىن بولغان. ئېنىقلا سان-ساناقسىز شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن رىۋايەتلىك گىگانت چولپان مەيلى نەگە بېرىپ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرسۇن ئۇ يەنىلا ئەڭ قالتىس شەرەپلەر بىلەن چېكىنىدۇ، لېكىن ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە رونالدو ئۆزىنىڭ قېرىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

ئىلگىرىكى كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ خاسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مەنسىتمەسلىك، قارىلاشلارغا مەيداندىكى ئىپادىسى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايتتى، شۇ ئارقىلىق سەلبىي باھالارنى كۈچلۈك باستۇرالايتتى، لېكىن ھازىرقى رونالدونىڭ ياخشى ئوينىيالمايۋاتقان، مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى يوق مۇسابىقىلەرنىڭ قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇ بىرەر ئىشنى قىلالمىغانسېرى تاراتقۇلار تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ ئۇنى تۆۋەنگە باسماقچى بولدى.

 

ئەينى ۋاقىتتا خانلىق مادرىدتىن ئايرىلغاندا رونالدو پەقەت مائاش تۆۋەنلىتىشكە قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە يۇقىرى مائاش بېرەلەيدىغان يۇۋېنتۇسقا بارغان، ئاخىرىدا ئۇ يۇۋېنتۇستا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ بارا-بارا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغان، شۇنداقلا يەنىلا تېخىمۇ كۈچلۈك مۇھىتقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مانچېستېر بىرلەشمىسىگە بارغاندىن كېيىن چوقۇم دوستلۇقنى ئويلىشىش كېرەك، نېمىلا دېگەن بىلەن فېرگۇسون ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى قايىل قىلدى، لېكىن مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە ئېرىشىش ئەمەس قاتنىشىشمۇ تەس بولۇپ قالدى. ياش چوڭايغاندا ئادەمنىڭ ئويلىشىدىغىنى ئىپادىسىنىڭ تۆۋەنلىشى، خۇددى بارسېلونادىن ئايرىلغان مېسسىنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىگە ئوخشاش.

ھېسسىي جەھەتتىن ئېيتقاندا رونالدو ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقى، كەمچىلىكىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك، ئەمما ئاقىلانە ئادەملەر شۇنداق ئويلىيالايدىكى رونالدونىڭ بۇخىل مىجەزلىرى پەقەت غەلىبە قىلىش ئىستىكى ئۈچۈن بولغان، بۇنداق ئۆزىنى بېغىشلاش، ئىنتىلىش روھى بولمىغان ئادەم چوقۇم موۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. 

رونالدونىڭ پۇتبولغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، تىرىشچانلىقى ھەرقانداق ئادەمگە ئىلھام بېرىدۇ، ھەرقانداق ئادەمنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بۇ خىل تىرىشچانلىق، ئۆزىنى كۆرسىتىش روھى تەبىئىيلا رونالدونى تېخىمۇ قېرىغىنىغا تەن بەرمەيدىغان قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رونالدو نېمە ئۈچۈن قېرىغىنىغا تەن بەرمەيدۇ؟

رونالدونىڭ پۇتبولغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، تىرىشچانلىقى ھەرقانداق ئادەمگە ئىلھام بېرىدۇ،