ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مىباپپې: مەن ئەزەلدىن پارىژ سانت گېرماندىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىپ باقمىدىم

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-19 14:17

RMCنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئالدىنقى ھەپتە مىباپپېنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى توغرىسىدا نۇرغۇن مىش-مىش پاراڭلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ توپچى ھەپتە ئاخىرىدىكى مارسېل كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرغان. بىر تەرەپتىن، پارىژ سانت گېرمان بۇ توپچىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئىنكاس قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان، يەنە بىر تەرەپتىن مىباپپېنىڭمۇ ئۆسەك سۆزلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارزۇسى بار. مباپپې مۇنداق دېدى:«مەن ئەزەلدىن 1-ئايدا كوماندىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىپ باقمىدىم.»

بىر نەچچە ئېغىز سۆز پارىژ سانت گېرماننىڭ بۇ كوزېر ھۇجۇمچىسىدىن گۇمانلانغان بىر قىسىم توپ مەستانىلىرىنى خاتىرجەم قىلىشقا يېتىدۇ. نەچچە كۈن ئىلگىرى مىباپپېنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش خەۋىرىنى فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى كەڭ تۈردە خەۋەر قىلغان، گەرچە بۇ توپچى راستىنلا كوماندىدىن ئايرىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشقۇرۇش قاتلىمىدىن 1-ئايدا ئايرىلىشنى تەلەپ قىلمىغان. مىباپپې ئۆسەك سۆزلەر پەيدا بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشنى ياقتۇرمايدۇ، شۇڭا ھەپتە ئاخىرىدىكى ئاشكارا ئىنكاس ھەم كۇلۇبنىڭ دەۋەت قىلىشىدىن كەلگەن، ھەم شۇنداقلا توپچىلارنىڭ شەخسىي ئارزۇسىدىن كەلگەن.

مارسېل بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، پارىژ سانت گېرمان رەئىسى ناسىر مباپپېنى قۇچاقلىۋالغان. ھەممە ئىشلار ئەسلىگە كەلدىمۇ؟ رەئىسنىڭ ۋەدىسى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، مىباپپې ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى تاللىدى ۋە مۇنداق دېدى:«مەن مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۇنى كۆرگەن، ئۇ بىزگە ئامەت تىلىدى، بىز مۇسابىقىدە يەڭدۇق.»

قاتار تەرەپتىن قارىغاندا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ، بەلكىم كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە مىباپپې كوماندىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن بىر قېتىم يىغىن ئېچىشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مىباپپې: مەن ئەزەلدىن پارىژ سانت گېرماندىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىپ باقمىدىم

RMCنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئالدىنقى ھەپتە مىباپپېنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى توغرىسىدا نۇرغۇن مىش-مىش پاراڭلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ توپچى ھەپتە ئاخىرىدىكى مارسېل كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرغان.