ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگودىكى يېڭى ئۇچقۇر ئادەم شىنجاڭدا پەللىدىن چىقتى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-09 15:24

17 ياشلىق كىچىك ماھىر ئەلىشىرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت رېكورتىنى ئۇدا بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

  پەللىدىن چىققاندا، چېھرىدە ئۆزىنى ناھايىتى ئەركىن قويۇۋېتىش تۇيغۇسى ئىپادىلەندى؛ ئاخىرقى پەللىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانغاندا، يۈگۈرۈش ھالىتىدە ئىنتايىن مەردانە قىياپەت نامايان بولدى؛ چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، ئىككى بىلىكىنى كەڭ ئېچىپ، كۆزىنى يۇمۇپ ئاپىرىن ۋە ئالقىش سادالىرىغا قۇلاق سېلىپ، غەلىبە خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى − بۇ، جۇڭگودىكى قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش بويىچە ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى چولپان ئەلىشىر ئۆمەر  31-مارت 45 سېكۇنت 79 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن 2024-يىللىق مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈش.

  ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسى ئۇنىڭ قاملاشقان قەددى-قامىتىگە ئوخشايدۇ، بىر سۆزگە يىغىنچاقلىساق، «كېلىشكەن» ئەلىشىر 17 يېشىدىلا «جۇڭگودىكى 400 مېتىر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان ماھىر» دېگەن چېمپىيونلۇق تەختىگە چىقتى.

  جۇڭگونىڭ يېنىك ئاتلېتىكا 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى چولپان مەيدانغا كەلدى

  400 مېتىر ئارىلىققا 45 سېكۇنت 79 دەقىقىدە يۈگۈرۈپ بولۇش دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ سائەت ئىسترېلكىسى بىر قېتىم چىكىلدىغاندا، ئۇ 8.69 مېتىر ئارىلىققا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ بولىدۇ! ئۇ يەنە جەزمەن 11 سېكۇنت 5 دەقىقە ئىچىدىكى 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش سۈرئىتىنى 400 مېتىرغىچە ساقلىشى كېرەك، بۇ، ئادەتتىن تاشقىرى ئوكسىگېنسىز چىدامچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش ماھىرلىرى يۈگۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر يۇقىرى بولغان ئوكسىگېنسىز جەريان نىسبىتىنى ساقلىشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەنھەرىكەتچىلەر يۈگۈرۈپ 400 مېتىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ئاللىقاچان بەدەننىڭ بەرداشلىق بېرىش ئاخىرقى چېكىگە يەتكەن بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىر ئارىلىققا كۈچەپ يۈگۈرۈش ئاساسەن دېگۈدەك ئوكسىگېنسىز ئەھۋالدا تاماملايدۇ، ھەتتا بەزىلەر چاقچاق قىلىپ، «كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈشى خۇددى ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەنگە باراۋەر!» دېيىشىدۇ.

  ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرى ئەزەلدىن جۇڭگو يېنىك ئاتلېتكىسىدىكى ئاجىز تۈر بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ مۇسابىقىلەردە، جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭ سىيماسىنى كۆرۈش تەس ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مۇسابىقە يولىدا ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق بىر ماھىرنىڭ بارلىققا كېلىشى جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنى قانداقمۇ ھاياجانغا سالمىسۇن؟

  45 سېكۇنت 79 دەقىقىلىق نەتىجە يېرىم ئاي ئىلگىرى ئەلىشىر ياراتقان مەملىكەتلىك زال ئىچى ئەرلەرنىڭ 400 مېتىر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش رېكورتىنىمۇ يېڭىلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ تۈردىكى مەملىكەت بويىچە زال ئىچى يۈگۈرۈش رېكورتى 17 يىلغا يېقىن يېڭىلىنىپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە جۇڭگو تارىخىدا بىرىنچى، ئاسىيا تارىخىدا ئۈچىنچى بولۇپ زال ئىچى مۇسابىقىسىدە 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش بويىچە 46 سېكۇنتلۇق نەتىجە دائىرىسىگە كىرگەن تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى.

  كەسپىي مەشىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بۇ سەبىي ئۆسمۈر ئىزچىل ئۆسۈپ يېتىلىپ، يول بويى ئۇچقاندەك چېپىپ، يول بويى شىنجاڭ، مەملىكەت رېكورتلىرىنى يېڭىلىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۇغما تالانت+ئىلمىي مەشىق+تىرىشچانلىق-تەلەپچانلىق بىرىكمە كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە، 18 ياشقا توشمىغان ئەلىشىرنىڭ جۇڭگو ھەتتا ئاسىياغا ۋاكالىتەن دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا سەھنىسىگە چىقىشىدىن ئۈمىد بار.

  لېكىن ئەلىشىرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدىدىكى يول يەنىلا خىرىس بىلەن تولغان، دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجە بىلەن يەنىلا ناھايىتى چوڭ پەرق بار.

  پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ 400 مېتىر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش بويىچە ئۆلچەمگە يېتىش بوسۇغىسى 45 سېكۇنت بولۇپ، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە سېلىشتۇرغاندا 0.1 سېكۇنت تۆۋەنلىتىلگەن، شۇنداقتىمۇ يەنىلا دۆلىتىمىز رېكورتىدىن تېز. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، مەيدان لايىھەسىنىڭ سەۋەبىدىن، زال سىرتى مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى زال ئىچى مۇسابىقىسىدىن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. يەنە ئون نەچچە كۈندىن كېيىن، ئەلىشىر دۇبەيگە بېرىپ ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ زال سىرتى مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىنى سىنايدۇ.

  شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ماھىرلىرىنى تاللايدىغان بايلىق رايونى

  ئەلىشىر باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدە تېنى ئاجىز بولغاچقا، ئانىسى تۇخۇم چالغان كالا سۈتى ۋە باچكا شورپىسى بېرىپ باقتى، ئۇنىڭ تېنى ئاستا-ئاستا كۈچكە تولۇپ چوڭ بولدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئۇ مەكتەپنىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كارامىتىنى نامايان قىلدى، تۇنجى تىرېنېرى ۋاڭ جىجۇڭ ئۇنىڭ يۈگۈرگەندە ئالغا ئىنتىلىشچانلىقىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، تۇغما تالانتى بارلىقىنى بايقىدى.

  2022-يىلىنىڭ بېشىدا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى «چوڭ يۈرەك پىلانى» بويىچە ماھىر تاللاشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ بويىچە ئىككىلەمچى ئېگىزلىك، ئېگىزلىك رايونلاردىكى 22 ناھىيە، شەھەردە 15 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ماھىر تاللىدى. بۇنىڭ ئىچىدە چىدامچانلىق ئىقتىدارى بولسا يادرولۇق فىزىيولوگىيەلىك كۆرسەتكۈچ ئىدى.

  «چوڭ يۈرەك پىلانى» بويىچە ماھىر تاللاشنىڭ 1-باسقۇچىدا شىنجاڭ بويىچە 746 ئوقۇغۇچى تاللاپ چىقىلدى، ئارقىدىن بەدەن سانلىق مەلۇماتلىرىنى تاللاش ۋە تىرېنېرلار مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەلالىرىدىن 96 ئوقۇغۇچى تاللاپ چىقىلدى. ئەلىشىر بۇ 96 ئوقۇغۇچى ئىچىدىكى ئالاھىدە بىرسى ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ چىدامچانلىقى ئەڭ ياخشىلار قاتارىدا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىۋېرسال پارتلاش كۈچى، بەدەن مۇسكۇلىنىڭ نىسبىتى ۋە چىدامچانلىق سەۋىيەسى جەھەتتە 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرى بويىچە تېپىلغۇسىز تالانتلىق ماھىر ھېسابلىناتتى.

  دەل مۇشۇ قېتىملىق ماھىر تاللاش خىزمىتىدە ئەلىشىر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىقى 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ تىرېنېرى جاڭ ياڭنىڭ نەزەرىگە ئېلىندى. كەسپىي جەھەتتىن قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش مەشىقىنى قوبۇل قىلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئەلىشىرنىڭ مەشىق نەتىجىسى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى.

  ئەلىشىر بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا قوبۇل قىلىنغان نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىمۇ تېز تېيىلىش، ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، دالىدا قار تېيىلىش، قېيىق ھەيدەش قاتارلىق چىدامچانلىق تىپىدىكى بىر قىسىم مۇسابىقە تۈرلىرىگە بۆلۈندى.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ماھىرلىرىنى تاللايدىغان بايلىق رايونى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قانات يايدۇرغان چوڭ يۈرەك پىلانى، قاۋۇللار پىلانى ۋە كۈچتۈڭگۈرلەر پىلانى بويىچە ماھىر تاللاشتىن باشقا، ساھە ھالقىپ، تۈر ھالقىپ ماھىر تاللاش شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كىچىك ماھىرنى ۋاسكېتبول، پۇتبول، قار-مۇز، يېنىك ئاتلېتىكا قاتارلىق تۈرلەردە كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەشئەل يەتكۈزگۈچى، جۇڭگو دالىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى دىلنىگار ئىلھامجان دەل 2017-يىلى ساھە ھالقىپ ماھىر تاللىغاندا يېنىك ئاتلېتىكا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تۈرىدىن دالىدا قار تېيىلىش تۈرىگە ئالماشقان ماھىر.

  2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 22 ناھىيە، شەھەر، 150 ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىدە بەدەن ھالىتى، بەدەن ئىقتىدارى، بەدەن ساپاسى قاتارلىق جەھەتلەردە سىناق ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا نۇرغۇن تەنتەربىيە ھەرىكىتى مايسىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، دۆلەت ئۈچۈن مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەت ئىختىساسلىقلىرىنى زاپاس ساقلاپ، جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا غەربىي شىمال رايونىنىڭ مۇھىم كۈچىنى قوشتى. كەلگۈسىدە، ئەلىشىرگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ماھىر ھەرقايسى تۈرلەردە مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن.

  تەنھەرىكەتنى قىزغىن سۆيىدىغان مايسىلار شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى

  ماھارەت تەنتەربىيەسى مۇنارنىڭ ئۇچى بولسا، ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇنارنىڭ ئۇلى. قالتىس بولغان ماھارەت تەنتەربىيەسى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ئۈندىدى، ھالبۇكى ئاممىۋى تەنتەربىيەنىڭ ئومۇملىشىشى ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە كۈچ قوشىدۇ.

  يېنىك ئاتلېتىكا تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئانىسى. تەنتەربىيە مەشىقى بالىلاردا تەلەپچان بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، قەيسەر ئىرادە ۋە پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  «ھەر يىلى، بىز ياش-ئۆسمۈرلەر يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بەس-بەستە قاتنىشىشقا تىزىملىتىدۇ. بۇ مۇسابىقىلەر ئارقىلىق، ياخشى مايسىلارنى بايقاش بىلەن بىللە، ياش-ئۆسمۈرلەر، مەكتەپلەر ۋە ئاتا - ئانىلارنى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ تۈردىكى تەنھەرىكەتكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىقى 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى شياۋ يۆگۇي.

  بۇ يىل 1-ئايدا، 2024-يىللىق شىنجاڭ «تەنتەربىيە لاتارېيەسى لوڭقىسى» دوۋېي . ياش-ئۆسمۈرلەر زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىي 673 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، 2023-يىلىدىكىدىن 373 ماھىر كۆپ. «بىز 500 ماھىرنىڭ قاتنىشىشىنى مۆلچەرلىگەنىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن ئادەم سانى بۇنچە كۆپ ئېشىپ كەتتى. ئەگەر سانىغا چەك قويمىغان بولساق، تىزىملىتىدىغانلارنىڭ سانى يەنە كۆپىيەتتى.» شياۋ يۆگۇي مۇنداق دېدى: قاتناشقان ماھىرلارنىڭ شۇنچە كۆپ بولۇشى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام تەنتەربىيە مەشىقىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شىنجاڭدا ئەلىشىردەك مۇنەۋۋەر ماھىرلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مۇنارىنىڭ ئۇلى بارغانسېرى مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىنكى مۇقەررەرلىك.

  ئەلىشىر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەتچى بولسا سۇ بىڭتيەن. دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، سۇ بىڭتيەن 9 سېكۇنت 83 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئاسىيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن تۇنجى جۇڭگولۇق بولۇپ قالدى. «مېنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىققۇم بار، بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم.» ئەلىشىر ئۆز بەدىنىنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈشكە ماس كېلىدىغانلىقىنى، كېيىنكى يېرىم مۇساپىدە ھالسىزلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇ نىشانىنى تۆت يىلدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان برىسبان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاراتتى. ئەلىشىرنىڭ ئارقىسىدا مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ كۆپ بالا يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكىتىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگودىكى يېڭى ئۇچقۇر ئادەم شىنجاڭدا پەللىدىن چىقتى

پەللىدىن چىققاندا، چېھرىدە ئۆزىنى ناھايىتى ئەركىن قويۇۋېتىش تۇيغۇسى ئىپادىلەندى؛ ئاخىرقى پەللىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانغاندا، يۈگۈرۈش ھالىتىدە ئىنتايىن مەردانە قىياپەت نامايان بولدى؛