ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى – ما لوڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-13 14:01

بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىكتاك توپ تۈرى ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىز ئەرلەر كوماندىسى 0:3 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيە ئەرلەر كوماندىسىنى يېڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇ، ئېلىمىز ئەرلەر كوماندىسىنىڭ بۇ تۈردە ئۇدا 5-نۆۋەت چېمپىيون بولۇشى، شۇنداقلا، ئېلىمىز ماھىرى ما لوڭنىڭ قولغا كەلتۈرگەن 6-ئالتۇن مېدالى. شۇ سەۋەبلىك، ما لوڭ ئېلىمىزنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا ئالتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تۇنجى ماھىرى بولۇپ قالدى.
   مۇسابىقىدىن كېيىنكى زىيارەتتە ما لوڭ مۇنداق دېدى: «پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەسپىي تەنھەرىكەت ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مۇسابىقە. مۇشۇنداق قالتىس نەتىجە بىلەن كەسپىي ھاياتىمنى تاماملىيالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن».
   لوندوندىن پارىژغىچە بولغان 12 يىل ۋاقىت ئىچىدە، توپ مەستانىلىرى مۇسابىقە مەيدانىدا تەمكىن، ئېغىر-بېسىق تەنھەرىكەتچى ما لوڭنى كۆرۈپ كۆنۈپمۇ قالغانىدى. ئۇ: «ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مۇسابىقە» دېگەندىن كېيىنلا، كىشىلەر ئاندىن ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىن خوشلاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدى. ماھارەت مەيدانىدا، رىۋايەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرلا تاماشىبىنلارنىڭ چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايتتى، ما لوڭ دەل ئاشۇنداق رىۋايەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
   ما لوڭ بەش يېشىدىن باشلاپ تىكتاك توپ تەنھەرىكىتىگە كىرىشكەن، 15 يېشىدا دۆلەتلىك كوماندىغا تاللانغان، 2006-يىلى، ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ما لوڭ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا تىكتاك توپ كوللېكتىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. مۇكاپات سەھنىسىدە شۇ دەۋردىكى ئاجايىپ چاقنىغان تىكتاك توپ يۇلتۇزلىرىدىن ۋاڭ خاۋ، ۋاڭ لىچىڭ، ما لىن قاتارلىقلار بىلەن بىرگە تۇرۇش ئۇنى تولىمۇ خۇشال قىلغانىدى. بەلكىم شۇ چاغدا ھېچكىممۇ ما لوڭنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئېلىمىز تىكتاك توپچىلىقىدىكى ئاجايىپ كاتتا ماھىر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن.
   يېشىنىڭ كىچىك بولۇشى، تالانتىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى، ئۇتۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ما لوڭ ناھايىتى تېزلا دۆلەتلىك تىكتاك توپ ئەرلەر كوماندىسى نۇقتىلىق تەربىيەلەيدىغان ماھىرغا ئايلاندى. 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ما لوڭ دۆلەتلىك تىكتاك توپ ئەرلەر كوماندىسىنىڭ مەشىق ياردەمچىسى سۈپىتىدە، سەپداشلىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشىغا ياردەملەشتى. 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ما لوڭ رەسمىي ئولىمپىك سەھنىسىگە قەدەم قويدى ھەمدە تىكتاك توپ ئەرلەر كوللېكتىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. 2016-يىللىق رىئودى-ژانېرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ما لوڭ تىكتاك توپ يەككە ئويناش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىكتاك توپ يەككە ئويناش مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. بۇ جەرياندا، ما لوڭ سەپداشلىرىنىڭ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە كوماندا باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى. قارىماققا، ما لوڭنىڭ چېمپىيونلۇق سەپىرى بەكلا ئوڭۇشلۇق بىلىنەتتى، لېكىن بۇ جەرياننىڭ ئۇنچە ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى پەقەت ما لوڭنى چۈشىنىدىغانلارلا بىلەتتى. ئۇنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغان مەزگىللىرىمۇ، ئاغرىق ئازابىنى تارتقان مەزگىللىرىمۇ بولغان. لېكىن ئۇ يەنىلا ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كېلەلىدى.
   2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ما لوڭ بېسىم ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنى ئولىمپىك چېمپىيونى، شۇنداق ئىكەن، مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ ئويلايتتى. ئەمەلىيەتتە، 2009-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ما لوڭ ئۈچ قېتىملىق دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىلا يېڭىلىپ قالدى، دۇنيا رەت تەرتىپىدە 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ما لوڭ ئۈچ قېتىملىق يەككە ئويناش مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلالمىدى. ئۇ ھەتتا چېكىنىشنىمۇ ئويلاپ باقتى، لېكىن چېمپىيونلۇق ئارزۇسى ئۇنى يەنىلا داۋاملىق تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى. شۇ تاپتا بىردىنبىر ئامال – جاپالىق مەشىق قىلىش ئىدى. بىر سەپدىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ما لوڭنىڭ كوماندىدىكى مەشىق ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ جاپالىق ئىكەن. ھەركۈنكى مەشىققە ئەڭ بالدۇر كېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىكەن.
   توختىماستىن تىرىشقان ما لوڭ ئاخىرى كەسپىي ھاياتىدىكى زور ئۇتۇقلارنى كۈتۈۋالدى. 2015-يىلى سۇجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە، 27 ياشقا كىرگەن ما لوڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ئەرلەر يەككە ئويناش تۈرىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. دەل شۇ چاغدىن باشلاپ، ما لوڭنىڭ تىكتاك توپ يەككە ئويناش تۈرىدىكى مونوپوللۇقى رەسمىي باشلاندى.
   ئويلىمىغان يەردىن ما لوڭنىڭ بەل قىسمى، بويۇن ئومۇرتقىسى، قول بېغىشى ۋە تىزىدا كەينى-كەينىدىن مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىت 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىر يىل قالغان ۋاقىتقا توغرا كېلەتتى، كېيىن توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى 2021-يىلىغا سۈرۈلدى. ما لوڭ كەسكىن قارار چىقاردى: ئۇ ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلماقچى بولدى، ھەتتا چېچىنىمۇ چۈشۈرۈۋەتتى، شۇ تاپتا ئۇ ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلىماقچى بولدى. 2019-يىلى 8-ئايدا، ما لوڭ ئوپېراتسىيە قىلىندى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوپېراتسىيە ھەقىقەتەن خەتەرلىك، لېكىن داۋاملىق مۇسابىقە مەيدانىدا مۇسابىقىلىشىش ئۈچۈن، بۇنچىلىك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئەرزىيدۇ».
   ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى، ئەمما ئوپېراتسىيە كەينىدىكى جەريان سەل مۇرەككەپ بولدى. گەرچە ما لوڭنىڭ كەسپىي تەنھەرىكەت ھاياتى يەنە ئۇزارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇزارتىلغان كەسپىي تەنھەرىكەت ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن باشلاندى. كەينى-كەينىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر نەچچە مۇسابىقىلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا چېمپىيون بولالمىدى، ھەتتا مۇكاپات سەھنىسىگىمۇ چىقالمىدى. بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، ئاندىن يەككە ئويناش تۈرىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلىدى. ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە ئىشەنمەي، «بۇ ئوڭۇممىدۇ؟ چۈشۈممىدۇ؟»دەپ قالدى.
   2021-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، 33 ياشقا كىرگەن ما لوڭ يەككە ئويناش مۇسابىقىسى ۋە كوللېكتىپ مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە يەككە ئويناش تۈرىدە ئۇدا ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى ئېلىمىز ماھىرى بولۇپ قالدى.
   2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئاز قالغاندا، ما لوڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى سەۋەبلىك، ئۆزىدە يېتەرسىزلىكلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، كەينى-كەينىدىن ئۇتتۇرۇپ قويغانمۇ بولدى. پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەھنىسىدە، ما لوڭنىڭ سالاھىيىتى 1-نومۇرلۇق ماھىردىن 3-نومۇرلۇق ماھىرغا ئۆزگەردى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ما لوڭ ھەرگىز بەل قويۇۋەتمىدى. سەپداشلىرى بىلەن تەڭ تىرىشىپ، تىكتاك توپ ئەرلەر كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە بىر ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. كۆپچىلىك ما لوڭغا ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى، ئالتە ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن ما لوڭنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
   مانا يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىز ئالتە ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن، رىۋايەتلىك تەنھەرىكەتچى ما لوڭنىڭ كەسپىي تەنھەرىكەت ھاياتى. بىز قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىك روھىغا ئىگە بۇ تەنھەرىكەتچىگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز!

تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى – ما لوڭ

ئالتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى – ما لوڭ