باش بەت>>ئەدەبىيات
دۇنيا يەرشارى كۈنى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-04-23 16:53:20
 
ئىنساننىڭ ئانىسى بولىدۇ، ئانىنىڭمۇ، ئانىلارنىڭمۇ ئانىسى بولىدۇ. ئانىلارنىڭ ئانىسى − ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى سەندۇرسەن، ئەي يەر شارى ئانا!
شۇنداق، رىسالىلەردە «22 - ئاپرېل ‹دۇنيا يەرشارى كۈنى›» دېيىلگىنى بويىچە قەيت قىلسام، بۈگۈن سېنىڭ قۇتلۇق كۈنۈڭدۇر. بۈ قۇتلۇق كۈندىكى قۇتلۇق مەدھىيەلەر ساڭا مەنسۇپتۇر؛ ئىنسانلارنىڭ كۈلكە - خۇشاللىقى، ئۇچار قۇشلارنىڭ كۈي - خەندانى، جان - جانىۋارلارنىڭ ئۈن - زۇۋانى، دەريا - ئېقىنلارنىڭ شاۋقۇن - سۈرەنى، دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ دولقۇن - ئۇپقۇنى، تاغۇ باغلارنىڭ ئەكس سادا، چېچەك - نېمەتلىرى، يايلاقۇ ئېدىرلارنىڭ تاۋاق - داستىخانلىرى، ئورمانۇ ئويمانلارنىڭ بەخت ۋە ئالتۇن رەڭگىدە تەۋرىنىش - جىمىرلاشلىرى، ھەتتا گىياھۇ زەررىلەرنىڭ شېرىن پىچىرلاشلىرى بىر سەن ئۈچۈندۇر. چۈنكى سەن ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغانسەن، باغرىڭدىن ئورۇن بېرىپ، ئانىلىق يەتكۈزگەنسەن. باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، كۇللىي مەۋجۇدات، مەخلۇقاتنىڭ جەۋھىرى بولغان ئىنساننى ئالايلى، ئۇ مەيلى قايسى ئائىلە، قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دىن، قايسى دۆلەتكە تەۋە بولسۇن، ھاياتلىققا كۆز ئاچقان تۈنجى تىنىقىدىن باشلاپ چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىڭدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، باغرىڭ پايانىدا تۈرلۈك - تۈمەن قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەت، خۇشاللىق - خاپىلىقلاردا تاۋلىنىپ، تارىخىي قەدەملەرنى باسىدۇ. ئېنىق دېگەندە، 13 مىليارت 390 مىليون گېكتار كۆلىمىڭ، بۇ كۆلىمىڭدىكى %11 قۇرۇقلۇق قىسمىڭ، يەنى 1 مىليارد 480 مىليون گېكتار تېرىلغۇ يېرىڭ 7 مىليارد نوپۇسنى ئاش-نان، كىيىم-كېچەك، ھاۋا، سۇ، ئوت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شۇنداق، بىز تەمىنلەنگۈچىلەرمىز. سەن تەمىنلىگۈچى، يەنى ھاياتلىق بېغىشلىغۇچى، بەخت ئاتا قىلغۇچىسەن، بۈگۈننى ئەتىگە، ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلىغۇچىسەن، پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىق بەرگۈچىسەن، شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان رىقابەت دەۋرىنىڭ كۆك بىلەن بوي تالاشقان قۇرۇلۇشلىرىنى گىگانت تېنىڭدە كۆتۈرگۈچىسەن. ھاياتلىقىمىزدا سەن بىزگە مەئىشەت بەخش ئەتسەڭ، ھېس - تۇيغۇدىن ئايرىلىپ، مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكىنىمىزدە ئەزىز تېنىمىزنى ياۋايى ھايۋان، قاغا - قۇزغۇن، ئىسسىق - سوغۇق، بوران - چاپقۇنلارنىڭ ھۇجۇم - سوقۇشلىرىدىن ساقلىغۇچىسەن؛ ھاياتلىقىمىزدىمۇ، كۆز يۇمغىنىمىزدىمۇ ئۇ باي، بۇ گاداي، ئۇ ئەرباب، بۇ يەرباب دېمەي، ھەممىمىزگە ئوخشاشلا قوينۇڭدىن ئورۇن بەرگۈچىسەن. ھازىرغا قەدەر سەندىن باشقا پىلانت - سەييارىدە سەندىكىدەك ھاياتلىق، سەندىكىدەك مېھرىبانلىق بايقالغىنى يوق. چۈنكى ھاياتلىقنىڭ ھاياتگاھى، مېھرىبانلىقنىڭ مېھرىبانگاھىسەن. شۇڭا ئۇشتۇمتۇت زەربىلەرگە ئۇچراپ تۇرساڭمۇ ۋايسىمايسەن، پەرۋا قىلمايسەن...
ئەمما، سۆيگۈ سۆيگۈگە، مۇھەببەت مۇھەببەتكە موھتاج بولغاندەك، سەنمۇ ئاسراشقا، جان پىدا قىلىشقا، كۆيۈنۈشكە موھتاجسەن. سېنى قەدىرلەش، سېنى ئۇلۇغلاش، سېنى قوغداش ھەر - بىر ئىنساننىڭ قەرزى ۋە مۇقەددەس بۇرچىدۇر. شۇڭا، ئەي يەر شارى ئانا، مەن سېنى ئولۇغلاش، قەدىرلەش، قوغداشلارنىڭ ئىخلاسىدا ئاقىمەن. ئىخلاسىمدەك ئىخلاسلار سەندە پورەكلىسۇن! پورەك - پەرۋازلار سېنى، يەنى ئانىلارنىڭ ئانىسىنى مەڭگۈ مەدھىيەلىسۇن!...
 
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق