باش بەت>>ئەدەبىيات
كەڭ قورساقلىق (ھېكايە)
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-04-28 13:23:33
 فېڭ شۆ
 
بۇ ئېچىنىشلىق، كەسكىن جەڭ بولدى. جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى دۈشمەننىڭ قىلىچىدا ھالاك بولدى.
تەقدىر سالاھىيىتى پەرقلىق ئىككىيلەننى −− ياش كوماندىر بىلەن ياشانغان ئاشپەزنى قاچقۇندا ئۇچراشتۇردى. ئىككىيلەن ئوخشاشلا قۇملۇققا قاچقانىدى. قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلەر قۇملۇقنىڭ چېتىدە توختاپ قالدى. چۈنكى ئۇلار بۇ ئىككىيلەننىڭ قۇملۇقتىن ھايات چىقالىشىغا ئىشەنمىگەن ئىدى.
−− مېنى ئالغاچ كېتىڭ، كەچمىشلىرىم ماڭا قۇملۇقتا نىشاننى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگەتكەن. سىزگە ئەسقېتىپ قالارمەن، −− دېدى ب−وۋاي كوم−اندىرغا يېلىنىپ. تىرىك قالمايمەن دەپ ئويلىغان كوماندىر ئاتتىن چۈشۈپ، بوۋاينىڭ ئاق ئارىلىغان چېكە چاچلىرىغا قارىغىنىچە: »ئىقتىدارسىزلىقىمدىن ئەسكەرلىرىم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئەمدى ئاخىرقى بۇ جەڭچىنى بولسىمۇ قوغداپ قېلىشىم كېرەك« دەپ ئويلىدى ۋە بوۋاينى ئاتقا مىندۈردى.
قۇم بارخانلىرى چوقچايغان قۇملۇقتا نىشاننى پەرقلەندۈرۈش تەس ئىدى.
−− ماڭا ئەگىشىڭ، −− دېدى بوۋاي كەسكىن ھالدا. كوماندىر بوۋايغا ئەگەشتى. كۈچلۈك قۇياش نۇرى قۇملۇقنى تونۇردەك قىزىتىۋەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ گېلى قۇرۇپ، لەۋلىرىنى گەز باغلاپ كەتتى، ئۇلاردا نە سۇ، نە ئوزۇقلۇق بولسۇن.
−− ئاتنى سويايلى! −− دېدى بوۋاي. كوماندىر ئىككىلىنىپ قالدى، »ھايات قالىمىز دەيدىكەنمىز، شۇنداق قىلماي نېمە ئامال« ئۇ بېلىدىكى قىلىچىنى ئالدى...
−− ئېتىمىزدىنمۇ ئايرىلدۇق، ئەمدى مېنى يۈدۈپ ماڭسىڭىز! −− بوۋاينىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان كوماندىر داڭقېتىپ قالدى. »ئۇنىڭ پۇت - قولى ساق تۇرسا، نېمە دەپ يۈدۈپ ماڭغۇدەكمەن، بۇ تەلىپى چەكتىن ئېشىپ كەتتى« دەپ ئويلىدى ئۇ. لېكىن يەنە »ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدۇم، بوۋايمۇ قۇملۇقتىن تېزرەك چىقىپ كېتىش ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يارامسىزلىقىمدىن بولدى« دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى − دە، ئاخىرقى بۇ جەڭچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈمىدىدە بوۋاينى يۈدۈپ ماڭدى.
بىر كۈن، ئىككى كۈن... ئون كۈنمۇ ئۆتتى. ئۇلار يەنىلا قۇملۇقتىن چىقالمىدى. كوماندىر بوۋايغا كۈندۈزى جاپادىن، تاپا - تەنىدىن قورقمايدىغان تۆگە بولسا، ئاخشىمى كۆيۈمچان، مۇلايىم مالايدەك ئىشلەيتتى. شۇنداقتىمۇ بوۋاينىڭ تەلىپى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، بەزىدە ھەددىدىن ئېشىپمۇ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ھەمىشە ئىككىيلەننىڭ بىر كۈنلۈك ئوزۇقىنىڭ كۆپرەكىنى يەۋالاتتى، نورمىلىق ئات قېنىنىمۇ بىر نەچچە يۇتۇم ئارتۇق ئىچىۋالاتتى. ئەمما كوماندىر بۇنىڭدىن ئاغرىنمايتتى، ئۇ پەقەت بوۋاينىڭ قۇملۇقتىن ھايات چىقىپ كېتىشىنىلا ئۈمىد قىلاتتى.
ئۇلار بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى. بىر كۈنى بوۋاي بولالماي قالدى.
−− مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، مەن بولالمىدىم، سىز جېنىڭىزنى قۇتقۇزۇڭ، −− دېدى بوۋاي.
−− ياق، مېنىڭ ياشىغۇدەك جۈرئىتىممۇ قالمىدى، ھايات قالغىنىم بىلەنمۇ باشقىلار مېنى كەچۈرمەيدۇ، −− دېدى كوماندىر.
بوۋاينىڭ چېھرىدە ئاچچىق كۈلكە غىل - پال چاقنىغاندەك بولدى.
−− شۇنچە كۈندىن بېرى سىزنى قىيناپ، ئاۋارە قىلىپ كەلدىم. بۇنى بىلمىدىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ بۇنداق ئادالەتسىز مۇئامىلىگە چىدىيالىشىڭىزنى ھەقىقەتەن ئويلىماپتىمەن.
−− مەن پەقەت سىزنى ھايات قالسۇن دېدىم، چۈنكى سىز ماڭا دادامنى ئەسلەتتىڭىز، −− دېدى كوماندىر ئازابلىق تەلەپپۇزدا.
بۇ چاغدا بوۋاي قوينىدىن بىر خالتىنى چىقىرىپ كوماندىرغا سۇندى:
−− بۇنى ئېلىڭ، ئىچىدە سۇ، ئوزۇقلۇق ۋە كومپاس بار. شەرققە قاراپ يەنە بىر كۈن ماڭسىڭىز قۇملۇقتىن چىقىپ كېتەلەيسىز، بىز بۇ يەردە بەك ئۇزاق ئايلىنىپ كەتتۇق... −− بوۋاينىڭ كۆزلىرى يۇمۇلدى.
−− كۆزىڭىزنى ئېچىڭ، مەن سىزنى تاشلاپ كەتمەيمەن، سىزنى يۈدۈپ بولسىمۇ قۇملۇقتىن ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن، −− دېدى كوماندىر.
بوۋاي كۆزىنى تەستە ئاچتى.
−− ھەي، قۇملۇقنى مۇشۇنداق چېكى يوق دەپ قارامسىز؟ ئەمەلىيەتتە ئۈچ كۈن ماڭساقلا قۇملۇقتىن چىقىپ كېتەلەيتتۇق، لېكىن مەن سىزنى بىر دائىرىدە چۆرگىلىتىپلا يۈردۈم. مەن ئىككى ئوغلۇمنىڭ دۈشمەننىڭ قىلىچىدا ئۆلگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بۇلار سىزنىڭ كاساپىتىڭىزدىن بولدى. ئەسلىدە سىز بىلەن بىللىلا تۈگىشىپ، مۇشۇ قۇملۇققا كۆمۈلۈپ كېتەي دېگەن ئىدىم. لېكىن قەلبىڭىز ئۆچمەنلىكىمنى يوق قىلىۋەتتى، كەڭ قورساقلىقىڭىزغا قايىل بولدۇم. باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغان كىشىگە باشقىلارمۇ كەڭ قورساقلىق قىلىدۇ، −− بوۋاي سۆزىنى تۈگىتىپ مەڭگۈگە كۆز يۇمدى...
كوماندىر خۇددى يەنە بىر مەيدان ھايات - ماماتلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندەك ھاياجاندا قېتىپ قالدى. ئۇ بىر ئاتىنىڭ كەڭ قورساقلىق قىلىشىغا، ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ شۇ چاغدىلا قورال - ياراغ، مەجبۇرلاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ جىسمىنىلا بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، مېھىر - مۇھەببەت ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن كىشى قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.
ئۇ بوۋاينىڭ جەسىتىنى كۆمۈپ قويۇپ، قەلبى ئەپۇچانلىق، كەڭ قورساقلىققا تويۇنغان ھالدا سەپىرىنى داۋام قىلدى...
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق