باش بەت>>ئەدەبىيات
تەكەببۇرلۇق
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-05-02 16:55:10

ئابدۇغېنى ھامۇدى


سېنى دوستلار ئاراسىدا يامان قىلغاي تەكەببۇرلۇق،
يەنە گۈلدەك چىرايىڭنى سامان قىلغاي تەكەببۇرلۇق.

جاھان چەكسىز، ساڭا مەۋھۇم، ئۇنىڭدا مىڭ تۈمەن سىر بار،
راۋان يولنى ساڭا تار ھەم داۋان قىلغاي تەكەببۇرلۇق.

سېنى ئايرىپ ئاۋام - ئەلدىن، تۇيۇق يولغا سۆڭەك تاشلاپ،
زەھەرلىك بىر يىلان ياكى چايان قىلغاي تەكەببۇرلۇق.

كىشىگە تەركى دۇنيالىق، بىلىپ قويغىن ئازابلىق ئىش،
غېرىبلىقتىن سېنى تەركىجاھان قىلغاي تەكەببۇرلۇق.
ئاۋام بىرلە بولۇپ بىر تەن ياشاشمۇ كاتتا ئامەتتۇر،
ئۇنىڭسىز ياشلىرىڭنى سەل - قىيان قىلغاي تەكەببۇرلۇق.

تەكەببۇرلۇق يامان خاھىش، ئۇنى قوللاش ھاماقەتلىك،
ھاماقەتنى قەدەمدە بىر نىشان قىلغاي تەكەببۇرلۇق.

پۈتۈن ئىشتا بولۇپ كەمتەر، سەمىمىي پاك، غۇبارسىز ئۆت،
ئاۋام ئىچرە سېنى ئەسكى چاپان قىلغاي تەكەببۇرلۇق.

شۇڭا ھامۇدى ساقلانغىن كىبىر ئاتلىق مەرەزلەردىن،
سەۋەب ئۆمرۈڭ - ھاياتىڭنى خازان قىلغاي تەكەببۇرلۇق.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق