باش بەت>>ئەدەبىيات
كەتمىدىڭ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-27 14:17:52

 

— نۇر روزىغا مەرسىيە

 

ئابلەت جۈمە

 

ئاھ، ئەجەپ كەتتىڭ يۈرەكنى لەختە قىپ،

سۆيگۈمىز تەشنا كۈيىدە يوق ناۋا.

قالدى شۇ نۇرلۇق سىمايىڭ ئوت كەبى،

ھېچقاچان چىقماس بۇ ئوتقا دەل داۋا.

 

قىسمىتى كەتمەس يۈرەكتىن زادىلا،

مومىغا چىققان يىگىتنىڭ روھى ھەم!

ئەل-ۋەتەن ئىشقى ئوتىغا جان پىدا،

ئاڭا يوق دىلدا تەمەننا، رەھتا ھەم.

 

يازما بار ئالەمچە ھىجران پۈتۈكى،

جەڭ، چېلىش زەردارى «ئەنجانباي» كەبى.

ئۇ بۈيۈك ھەر كۈن قۇياشتەك نۇر چاچار،

مىڭلىغان پالۋان يۈرەكنىڭ قان دېغى!

 

مەرد ئۆزۈڭ، ئۈلگە ئۆزۈڭ ئالەم ئارا،

روھ، تىلەك سىڭگەن كىتابىڭ گۈل گويا.

شۇ ئۇلۇغ مېھرىڭدە ئوكيان ھاسىلى،

يوق ئىدى قەلبىڭدە كىر، داغ، شۇمبۇيا.

 

قالدۇرۇپ كەتتىڭ بۈيۈكلۈك، يوق تاما،

ئاسمىدىڭ بوينۇڭغا ئالتۇن، تۇتىيا.

ھەممىدە مىللەت-ۋەتەنگە جان بېرىپ،

تۆھپىكار ئۆتتۈڭ ھاياتتا ئەل رىزا.

 

كەتمىدىڭ روھى تەۋەللۇت ھەر كۈنى،

سۆيگۈدە ئىشقى-پىراقنىڭ قەنتى بار.

قۇرلىرىڭ ئالتۇن بېزەك، نۇرلۇق قۇياش،

بەھرىدە قىز ۋە ئوغۇلنىڭ رىسقى بار.

 

ئاھ، ئەجەپ كەتتىڭ بىراق روھىڭ تىرىك،

كەتمىدى دەيمەن سورالسا مىڭ سوئال.

كىم سېنى كەتتىڭ دېسە ياقلا دېگىن،

جەننىتى رىزۋاندا ھۆر بولدى، تۇرۇۋال!...

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق