باش بەت>>ئەدەبىيات
مۆلدۈر ئالمىنى تېشىۋەتكەندىن كېيىن...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-27 17:28:42

 

مەخسۇس ئالما تېرىيدىغان بىر دېھقان بولۇپ، ئۇ ئۆستۈرگەن ئالما تاتلىق، يېيشلىك ئىكەن، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىكەن. بىر يىلى تۇيۇقسىز مۆلدۈر يېغىپ، ئالمىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى زىيانغا ئۇچرىتىپتۇ ۋە پىشقان ئالمىلارنىڭ يۈزىگە يول-يول ئىز چۈشۈپ قاپتۇ. بۇ دېھقان ئۈچۈن بەكمۇ ئېغىر ئاپەت بوپتۇ، بۇنداق ئالمىنى سودىگەرلەر قانداقمۇ ئالسۇن! ئالمىلارنى سېتىپ چىقىرىشقا ئامال بولماي، بېشى قاتقان دېھقان بىر ئەپچىل ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ. ئۇ ئالما ئورالغان ساندۇقنىڭ ئۈستىگە مۇنداق بىر ئېلان يېزىپتۇ: «سۆيۈملۈك خېرىدار، سىز دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، بىزنىڭ يۈزىمىزدە يول-يول قورۇقلار بار، ئاسماندىكى ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار، بۇ تەڭرىنىڭ بىزگە سوۋغا قىلغان دېغى. شۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ ئالمىمىزدىمۇ گۈزەل تاتۇق بار. ئەگەر سىز ئالمىنىڭ تاتلىق تەمىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا، بىزنىڭ ھەقىقىي ماركىمىز - (تاتۇق) ماركىلىق ئالمىغا دىققەت قىلىڭ!» دېھقاننىڭ بۇ ئەپچىلگىنە ئېلانى ئاجايىپ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپتۇ. ئالمىسى بېسىلىپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكىسچە، ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى سېتىلىپتۇ.

شۇنداق، جاھاندا تۈز يول يوق، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىش سىزنى ئامالسىز قىيىنچىلىققا تاشلىشى، ھەتتا پەقەت ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى مۇمكىن. بىراق، دۇنيادا مۇتلەق ئىش يوق. سىز قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ قالماي، كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەنسىڭىز، غەلىبە يولىنى تاپالايسىز.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق