باش بەت>>ئەدەبىيات
بەختلىك ئوتۇنچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-27 17:39:37

 

ئورمانلىقتىكى چىغىر يولدا بىر باي سودىگەر بىلەن بىر ئوتۇنچى دائىم ئۇچرىشىپ قالىدىكەن. سودىگەر نۇرغۇنلىغان ئاتلىق كىشىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ، ساندۇق-ساندۇق گۆھەرلەنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىكەن، ئوتۇنچى ھەر كۈنى تاغقا چىقىپ ئوتۇن كېسىپ، ئوتۇنىنى ۋە پالتىسىنى يۈدۈپ قايتىدىكەن. باي ھەر كۈنى كۆڭلى ئېچىلماي يۈرىدىكەن، بىراق ئوتۇنچى دائىم خۇشال ناخشا ئېيتىپ يۈرىدىكەن. بىر كۈنى باي يەنە ئوتۇنچى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، دەرەخ سايىسىدە بىرلىكتە ئارام ئاپتۇ. سودىگەر: «ھەي، مەن سېنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم، سەن ئۇچىغا چىققان كەمبەغەل تۇرۇپ، نېمانچە خۇشال يۈرىسەن؟» دەپ سوراپتۇ. ئوتۇنچى كۈلۈپ كېتىپ: «مەنمۇ سىزنىڭ شۇنچە باي تۇرۇپ، خۇشال بولالمىغانلىقىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم؟» دەپتۇ. باي: «مېنىڭ گەرچە پۇلۇم كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئائىلەمدىكىلەر پۇل-دۇنيا تالىشىپ جېدەللىشىدۇ، دائىم كۆپرەك نەرسىگە ئىگە بولۇشنى ئويلىشىدۇ. بىراق، بىرىمۇ ماڭا ھەقىقىي كۆيۈنۈپ باقمايدۇ. شۇڭلاشقا مەن دائىم ھېچ نەرسىسى يوق ئادەمدەك يۈرىمەن. سەن دەپ باقە، مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن خۇشال يۈرەلەيمەنمۇ؟» دەپتۇ. ئوتۇنچى: «ھە، ئەسلىدە مۇنداق دەڭ! مەن گەرچە كەمبەغەل بولساممۇ، بىراق مەن ھەر ۋاقىت بەختتىن ھۇزۇرلىنىمەن، شۇڭلاشقا مەن دائىم خۇشال يۈرىمەن» دەپتۇ. باي كىشى: «شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا سېنىڭ چوقۇم كۆيۈمچان ئايالىڭ بار ياكى ئۇزۇنغا بارماي توي قىلماقچى» دەپتۇ. ئوتۇنچى: «ئۇنداق ئەمەس، مەن بىر يالاڭتۆش» دەپتۇ. «ئۇنداقتا، سېنىڭ ئۆزۈڭنى خۇشال قىلىدىغان گۆھەردەك قانداق نەرسەڭ بار؟» دەپتۇ يەنە سودىگەر. ئوتۇنچى: «شۇنداق، ئۇنى چىرايلىق بىر قىز ماڭا سوۋغا قىلغان قىلغان» دەپتۇ. «ئوھوي، سېنى مۇشۇنداق بەختلىك قىلغان قانداق نەرسە ئۇ؟» دەپ سوراپتۇ باي ھەيران بولغان ھالدا. «بۇ چىرايلىق قىز ماڭا گەپ قىلىپ باقمىغان، ھەر قېتىم، ئۇچراشقىنىمىزدا ئۇ دائىم ئالدىراپ كېتىپ قالىدۇ. ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۇ باشقا شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرگىلى كەتتى. ئۇ مېڭىش ئالدىدا، مەن ئۇنىڭ مۇھەببەتكە تولغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ قالدىم، مەن ئۇنى مەڭگۈ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلايمەن، بۇ مېنىڭ بىر ئۆمۈر بەختلىك بولۇشىمغا يېتىدۇ...» دەپتۇ ئوتۇنچى ۋە يەنە بەختلىك ھېسلارغا چۆمۈپ كېتىپتۇ. باي چەكسىز بەختلىك ئوتۇنچىغا قاراپ كۆڭلىدە: «ھەقىقىي بەختلىك باي كىشى ئۇ ئىكەن، مەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي يالاڭتۆش ئىكەنمەن» دەپ ئويلاپتۇ.

شۇنداق، كىشىلىك ھاياتتىكى مال-دۇنيا ئىچىدە پۇلدىن باشقا، يەنە نۇرغۇنلىغان مۇھىم نەرسىلەر بار. مەسىلەن: بەخت.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق