باش بەت>>ئەدەبىيات
ئۆلگەندىن كېيىن نام قازىنىش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-27 17:46:34

 

ئەمەلىي ئىش بىلەن شۇغۇللانمايدىغان بىر يىگىت ئۇلۇغ كەشپىياتچى ئېدىسونغا تولۇق قايىل ئىكەن. بىر قېتىم، ئۇ ئېدىسوندىن: «ئەپەندىم، سىز قانداق قىلىپ غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدىڭىز؟ سىزنىڭ ھازىرقى نامىڭىز نېمىدېگەن ئۇلۇغ-ھە!» دەپتۇ. ئېدىسون يىگىتنىڭ كۆڭلىدە ئويلاۋاتقىنىنى بىلىپ، قەستەن: «قارىغاندا، سىزمۇ نام قازىنىشنى ئويلايدىغان ئوخشىمامسىز؟» دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئاڭلاپلا، ئېدىسون ئۆزىنىڭ نام قازىنىشتىكى ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدىغان بولدى، دەپ قاراپتۇ. ئۇ تولىمۇ خۇشال بولغان ھالدا: «مەن چۈشۈمدىمۇ نام قازىنىشنى ئويلايمەن، قاچانمۇ سىزگە ئوخشاش نام قازىنارمەن؟» دەپتۇ. ئېدىسون كۈلۈپ تۇرۇپ: «سىز ئۆلگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا نامىڭىز چىقىدۇ» دەپتۇ. يىگىت ھەيران بولغان ھالدا: «نېمىشقا ئۆلگەندىن كېيىن بولىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئېدىسون ئۇنىڭغا: «چۈنكى، سىز بۇ بىنانى قۇرۇشقا ھەرىكەتلەنمەي، ئەكىسچە، قانداق قىلىپ ئۇنى ئىگىلەشنى ئويلايسىز. ئۇنداقتا، سىزنىڭ غايىڭىز خىيالىي بوشلۇقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىر ئۆمۈر خام خىيال بىلەن ئۆتسىڭىز، سىز ئۆلگەندىن كېيىن پەقەت خام خىيال قىلىشنىلا بىلىپ، ئەمەلىي ئىش بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىشىلەرگە ئەينەك بولىسىز. كىشىلەر ئەۋلادلىرىنى تەربىيلەشتە، دائىم سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى تىلغا ئالىدۇ، بۇ سىزنىڭ تېزلا نام قازانغانلىقىڭىز بولماي نېمە؟!» دەپتۇ. ئېدىسوننىڭ بۇ سۆزلىرى، يىگىتنى قايىل قىلىپ، ئويغىتىش پەيدا قىپتۇ.

شۇنداق، ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا تۈپتۈز يول يوق.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق