باش بەت>>ئەدەبىيات
سىناقلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-01-15 13:46:18

 

1. ئۇزاق ۋاقىت ئىزتىراپ چەككەن ئادەملەرلا ئۈمىدسىزلەرگە قانداق سۆزلەر بىلەن تەسەللىي بېرىشنى بىلىدۇ.

2. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا غەلىبە قازانغانمۇ-يوق، بۇنىڭدىن قەتئىينەزەر، ھاياتلىقنىڭ ھەممە مۈشكۈلاتلىرىنى سىناپ كۆرگەن ئادەملا ئۆزىنى «قېرى» دەپ ئاتىشى مۇمكىن.

3. باغۋەن ئەتىرگۈلنى قانداق ئېھتىيات بىلەن پەرۋىشلەپ يېتىشتۈرسە، بەزى ئادەملەرمۇ ئۆزلىرىدىكى بىپەرۋالىقنى شۇنداق پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرىدۇ.

4. بەختسىزلىك — ئەگىپ ئۆتەلىسەڭ، مەدەت بەرگۈچى قامچا، ناۋادا ئەسىر بولۇپ قالساڭ، قەبرەڭگە قويۇلغان تاش.

5. بىز ياخشىلىق ۋە يامانلىق قولىدىكى خېمىرمىز، خالاس.

6. باشقا كەلگەن تۈرلۈك-تۈمەن تەشۋىشلەر مەنىۋى ئىزتىراپلار بىلەن چېتىشىپ كەتكەندىلا ئىنسان ئىنسان بولىدۇ.

7. دوختۇرخانىدا ئۆلۈم ھەققىدە ئازراق ئويلايسەن. قارىغاندا، ئۇ يەردە ھايات قايناپ-تېشىپ تۇرسا كېرەك.

8. ئەگەر بىز نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالغىنىمىزدا، ئىزتىراپ ئەڭ كاتتا ئۇستاز بولىدۇ.

9. ھېس قىلماق، سەزمەك، سىنىماق — شەك كەلتۈرمەك دېمەكتۇر.

10. ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ئايرىلماس ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەسلىك ئادەمنى زەئىپلەشتۈرىدۇ.

11. بىزنىڭ ھاياتىمىز-نىيەتلىرىمىز ۋە باشلىغان ئىشلىرىمىزنىڭ ئۆلۈك تېنىنى بويلاپ ئىلگىرىلەيدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق